مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېسىلدى!

(گو مېيمېيغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى)

2021.10.19 11:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شاڭخەي تۆمۈر يول ترانسپورت سوت مەھكىمىسى 18-ئۆكتەبىر جاۋابكار گو مېيمېي، ۋاڭ زويالارنىڭ زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش دېلوسىغا قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ سوت مەھكىمىسى زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار گومېيمېينى ئىككى يىل ئالتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان شاڭخەي تۆمۈريول تىرانسپورت تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئاساسلانغاندا، جاۋابكار گو مېيمېي ۋە ۋاڭ زويا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2021-يىلى 1-ئاي ۋە 2021-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ساتقۇچى تەرەپ جاۋ xx (ئايرىم دېلونى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) ساتقان ئورۇقلىتىش كەمپۈتىگە قانۇنسىز شبۇچۈمىڭ ھىدروخىلورىك قوشۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەر قېپىنى يەككە باھادا 699 يۈەنگە ساتقان. دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر، جاۋابكار گومېيمېي 100 دىن ئارتۇق ئورۇقلىتىش كەمپۈتى سېتىپ، 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقان. بۇ مەزگىلدە، جاۋابكار گومېيمېي يەنە جاۋابكار ۋاڭزويانىڭ جاۋ xx تىن مال زاكاز قىلىش ۋە پۇل چىقىم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە تۆت قاپ ئورۇقلىتىش كەمپۈتى سېتىپ، 2796 يۈەن كىرىم قىلغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن دېلوغا چېتىشلىق ئورۇقلىتىش كەمپۈتىنىڭ تەركىبىدە شۇبۇچۈمىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار گو مېيمېي، ۋاڭ زويانىڭ قىلمىشى زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئاخىرىدا، شاڭخەي تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار گو مېيمېيغا ئىككى يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى؛ جاۋابكار ۋاڭ زوياغا يەتتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ