مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇنەن يۆياڭدا قارا جەمئىيەت خاراكتېرىنى ئالغان تەشكىلاتتىكى 29 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى 13 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2021.10.18 20:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ليۇ چىلىڭ قاتارلىق 29 كىشىنىڭ قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق دېلوسىغا قانۇن بويىچە 1-سوتتا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار ليۇ چىلىڭنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شۈ خۇي، يۈ يۇڭ، ليۇ يۈن، يۈەن شىڭجۈن قاتارلىق كىشىلەرنى يىغىپ، يۆياڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ياڭجياۋشەن ئەتراپىدا بىر قاتار قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. 2009-يىلىدىن بۇيان، ليۇ چىلىڭ باشچى بولغان قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى تەدرىجىي شەكىللەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ليۇ يۈن، يۈەن شىڭجۈن، ماۋ تۇڭ، لياۋ يىچى قاتارلىقلار ئاكتىپ قاتناشقۇچى، شۈ خۇي، يۈ يۇڭ، فېڭ ۋېي، ليۇ گاۋ قاتارلىقلار ئادەتتىكى قاتناشقۇچى بولغان.

  ليۇ چىلىڭ باشچىلىقىدىكى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ ئادەم سانى كۆپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ قاتلام-دەرىجىسى ئېنىق، جىنايەت تەشكىلاتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، تەشكىللىك ھالدا كۆپ قېتىم قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنى بوزەك قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، تەشكىلىي پائالىيەتنى قوللايدىغان بىرقەدەر كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ياڭجياۋشەن رايونىدا قانۇنسىز كونترول قىلىپ ۋە زور تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان. بۇ تەشكىلات تەشكىللىك ھالدا قەستەن زەخىملەندۈرۈش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار بولۇش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، قانۇنسىز قورال-ياراغ ئېلىپ-سېتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي سودا قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردىن 40 نەچچىنى يولغا قويۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، بىر ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشى، 14 ئادەمنىڭ كىچىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نۇرغۇن ئامما مال-مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان.

  سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، ليۇ چىلىڭ باشچىلىقىدىكى جىنايەت تەشكىلاتى قانۇندا بەلگىلەنگەن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتىنىڭ تەشكىلىي ئالاھىدىلىكى، ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى، خەۋپلىك ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، قانۇن بويىچە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ قارىدى. جاۋابكار ليۇ چىلىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى قاتارلىق 13 تۈرلۈك جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىش قارار قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلدى. قالغان 28 جاۋابكارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىل 8 ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇناسىپ مال-مۈلۈك جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ