خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى فېرنەندىس، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ياردەمچىسى كاڭدا «تەيبېي ئىقتىساد-مەدەنىيەت ۋەكىللەر باشقارمىسى»نىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 14-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپكە بەرگەن كەسكىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى قىلماسلىققا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھېچقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، تەيۋەن دېڭىز ۋەزىيىتىگە يېڭى ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.
ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىگە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق «مۇستەقىللىق» ئىغۋاگەرچىلىكى قىلىشقا ئۇرۇنۇش تەيۋەنگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ