خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جىن جۇ (نازارەت دەرىجىلىك) ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ھازىر ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
جىن جۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جىن جۇ، ئەر، موڭغۇل، 1957-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1985-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1976-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
ئىلگىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شىنبارخۇ سول خوشۇنى ئامۇگۇلىن باۋلىگې گۇڭشېسىدا ئەترەتكە كىرگەن، مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىنىڭ قانۇن كەسپىدە، ئىچكى موڭغۇل پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان؛ چىفېڭ شەھىرى ئاۋخەن خوشۇنى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چىفېڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باشلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان؛ 2021-يىلى 3-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
(ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ