خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت يېڭى تىجارەت شەكىللىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار T3 ، مېيتۇەن، ساۋساۋ، گاۋ دې، دى دى، شوۋچى، دى دا، شياڭداۋ، رۇچى، ۋەنشۈن قاتارلىق 11 توردا ماشىنا چاقىرىش سۇپىسىغا مەسئۇل شىركەتلەرنى بىرلەشمە سۆھبەتكە چاقىردى.
سۆھبەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا، بىر قىسىم سۇپا شىركەتلىرى كۆپ خىل سېتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يامان سۈپەتتە رىقابەتلىشىپ، ئىجازەتسىز شوپۇر ۋە ئاپتوموبىللارنى «ئاپتوموبىل بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش» قا تەشكىللىگەن ياكى رىغبەتلەندۈرگەن، قانۇنسىز تىجارەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بازارنىڭ رىقابەتتىكى ئادىللىقىنى بۇزغان، كەسىپ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ