مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جوۋ مېڭبو قولغا ئېلىندى ھەمدە قايتۇرۇپ كېلىندى

2021.09.02 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خېنەن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارى جوۋ مېڭبو چېگرا سىرتىدا تورغا چۈشتى ھەم جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىندى.

  جوۋ مېڭبو، ئەر، 1965- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 2019- يىلى 5- ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، بۇ دېلونى خېنەن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان. يېقىندا، جۇڭگو چەت ئەل تەرەپكە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت ئەل تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىشى ۋە قايتۇرۇۋېتىشىگە تۈرتكە بولدى. مەزكۇر دېلو بېجىرىش ئورگىنى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئۇنى يالاپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جوۋ مېڭبو دۆلەت كارخانىسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىلغان ھەم چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى. بۇ قېتىم خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئۇنى تۇتۇپ كېلىش «ئاسمان تورى 2021» ھەرىكىتى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بىز قېچىپ كەتكەنلەرنى جەزمەن قوغلاپ تۇتۇش، ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، چىرىكلەشكەنلەرنىڭ قەيەرگە قېچىپ كېتىشىدىن، قانچىلىك قېچىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، ئۇلارنىڭ قانۇن سىرتىدا ئەركىن يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ