مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەلگىلىمە قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ قالقىنى ئەمەس

2021.08.18 19:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامما ئىش بېجىرگىلى كەلسە، ئاغزىدا «تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىمىز» دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە كەينىگە سۆرەيدۇ؛ كۆرۈنۈشتە «بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرگەن»دەك قىلسىمۇ، بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، باھانە سەۋەب كۆرسىتىدۇ...

  تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپى ئالدىدا ئايرىم جايلار، تارماقلار ۋە خادىملار مەسىلىنى ھەل قىلماي، ھە دېسىلا «خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش»، «تەرتىپ بويىچە مېڭىش»، «بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىش» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش بەلگىلىمە ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاممىنى نارازى قىلغان.

  ئاممىنىڭ تەلىپى ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسەت، بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش بېجىرىشى خاتا ئەمەس، لېكىن «تەرتىپ بويىچە مېڭىش»، «بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش» قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىقى، قىلىدىغاننى قىلماسلىقىنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر ئىشتا ئادەتتىكى بەلگىلىمىلەرمۇ، مۇستەسنا بەلگىلىمىلەرمۇ بولىدۇ، بەزىلەر ئۆزىگە ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن خالىغانچە ئىزاھات بېرىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، بەلگىلىمە بويىچە بېجىرگىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئىشنى ياخشى قىلالمىساق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، دەپ ئەنسىرەپ، سۆرەلمىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئاغزىدا دېگىنى قانۇن-بەلگىلىمە، كۆڭلىدە سوقۇۋاتقىنى بولسا ئۆزىنىڭ كىچىك چوتى؛ قارىماققا قائىدە بويىچە قاتتىق ئىش قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىستىلى دۇرۇس ئەمەس، ماھىيەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىقتۇر.

  ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، دائىم بەزى مۇرەككەپ مەسىلىلەر، ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بەلگىلىمە ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قالقان بولماسلىقى كېرەك. خىزمەت ئورنىدا بولغان ئىكەن، شۇ خىزمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك، «بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش»كە ۋەدە بەرگەنىكەن ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپى مۇۋاپىق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسىلا، ھەقىقىي بېجىرىش كېرەك، شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ «تەرتىپ بويىچە مېڭىش»قا ماقۇل بولغان ئىكەن، پەقەت مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە تەۋە بولسىلا، بېجىرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىلا، چوقۇم تېز بېجىرىش كېرەك، ئاممىنى «ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكۈزۈش»كە بولمايدۇ. بەلگىلىمە بويىچە بېجىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ، ئاممىنىڭ ئامال تېپىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي قىلغىلى، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلغىلى، ئاممىنى رازى قىلغىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ