مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىندۇڭفاڭ: بۇ ئەھۋاللار بولسا شەرتسىز ھەق قايتۇرىدۇ

2021.08.18 12:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاۋغۇست، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەدبىرى» بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىندۇڭفاڭ مائارىپ-پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لى لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتقاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى نازارەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىندۇڭفاڭ «پىكىر»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، دەرس مەزمۇنى، دەرس ئۆتۈشۋاقتى، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ھەق ئېلىش ۋە قايتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە «قوش كېمەيتىش» خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق قايتۇرۇش تەلىپى توغرىسىدا توختالغاندا شىندۇڭفاڭنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىندۇڭفاڭ ئىزچىل تۈردە «شەرتسىز ھالدا نىسبەت بويىچە ھەق قايتۇرۇش» ۋەدە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن دەرس باشلىمىغان ئوقۇغۇچىلارنغا شەرتسىز ھەق قايتۇردى. دەرس باشلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇشتا تاماملانغان دەرس سائىتى بويىچە مۇناسىپ ئوقۇش پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى شەرتسىز قايتۇرۇلدى.

  نۆۋەتتە، شىندۇڭفاڭ نەق مەيدان، تېلېفون، ئورگان تورى، مىكرو مۇلازىمەت،PPA قاتارلىق كۆپ خىل توردا ۋە تور سىرتىدا ھەقنى ئاپتوماتىك قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقنى قايتۇرۇش كەسپىنى بىۋاسىتە بېجىرىپ، ھەقنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ـ ئانىلارغا قولاي ۋە تېز قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ