مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مەكتەپنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە يەتكەندە ئاندىن مەكتەپكە قايتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.08.03 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2- ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: جايلار ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈشى، تولۇق ئوقۇش باسقۇچىدىكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىشقا چۈشمەسلىك، دەرسكە قاتناشماسلىقنى تىزىملاش ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى مەكتەپ يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىگە يەتكۈزگەندە، ئاندىن مەكتەپكە قايتىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورماللاشقان سەھىيە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، جايلار ۋە مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بوشاڭلىق روھىي ھالىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشۋە تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكتىن تەڭ مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىنىپ، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانا، ياتاق قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، شامال ئۆتۈشتۈرۈش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ مەھەللە ۋە قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، شەھەر باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپ ئىچىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جايلار ۋە مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەنتەربىيە دەرسى بولمىغان كۈنى، مەكتەپ دەرستىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، جايلار دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنى تولۇق سەپلىشى، مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش شارائىتى ۋە خىراجەت كاپالىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، مەسئۇل مەكتەپ رەھبەرلىرى باشلامچى بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەكتەپ تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلارنىڭ«ساغلاملىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى»نى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ