مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىيو ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2021.07.30 11:42 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىيو 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە مول، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو-سېررالېئون خەلقى ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-سېررالېئون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بىيو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سېررالېئوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  بىيو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېررالېئون بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئورتاق گۈللىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي دوستانە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا قاتلامدا ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سېررالېئون جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ