مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 98-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىنى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2021.07.28 22:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 98-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 27-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىنى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىدا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى، رېۋىزورلار قانۇنى لايىھەسى، قانۇن ياردىمى قانۇنى لايىھەسى، دوختۇرلار قانۇنى لايىھەسى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسى، ئائىلە تەربىيەسى قانۇنى لايىھەسى، دۆلەت قۇرۇقلۇق چېگراسى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى» قوشۇمچە ھۆججىتى ئۈچتە كۆرسىتىلگەن مەملىكەتلىك قانۇنلارنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى» قوشۇمچە ھۆججىتى ئۈچتە كۆرسىتىلگەن مەملىكەتلىك قانۇنلارنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ مەھكىمە ۋە قىسمەن رايونلاردا تۆت دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، چارۋىچىلىق قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىدۇ.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ 30-يىغىنىغا قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 30-يىغىنى قارالمىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ