مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش، نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2021.07.28 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 26-ئىيۇل بېيجىڭدا «نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش، نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇس خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ۋە قېرىلىشىش قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 90 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى، 40 نەچچە ئەزا، مۇتەخەسسىس ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆز قىلدى، 100 نەچچە ئەزا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ياشانغانلار كۆپىيىش ۋە بالا كۆپىيىشتىن ئىبارەت قوش بېسىمغا دۇچ كەلدى، ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە بولىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا، ئۇنىۋېرسال، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقە تورى + ئائىلىدە كۈتۈنۈشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھەربىر ياشانغان كىشىنى ياشانغاندا يۆلەنچۈككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  «ئاق چاچلىقلار ئىقتىسادى»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق ياشانغانلار كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى بىلەن كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ تۆھپە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۆۋەن ياشلىق ياشانغانلار ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئىلمىي ئېچىپ، تېنى ساغلام ياشانغانلارنىڭ پېنسىيەگە چىقسىمۇ ئىشتىن قالماسلىقىغا ئىلھام بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ نوپۇس ئەۋزەللىكىنى قېزىش كېرەك. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يانداش تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇۋاپىق ياشتا توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇش، ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىش قاتارلىق يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، تۇغۇت ئارزۇسىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى توغرا بولغان ياشانغانلار جەمئىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشانغانلارغا دوستانە بولۇش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەت قىلىدىغان ياشانغانلار خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ساغلاملىق مۇلازىمىتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ياشانغانلار خىزمىتىگە دائىر سىياسەت-تۈزۈم ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىش كېرەك.

  ساغلام قېرىلىشىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈتۈنۈش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ياشانغانلار دوستانە جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار ئىش قىلالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۆڭۈل ئاچالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ۋەن گاڭ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، شاۋ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېي يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ