مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، تەتقىق قىلىندى

2021.08.02 10:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، تەتقىق قىلىندى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق سىياسەتلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويدۇق، ئىقتىساد سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقى زورايتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغانلىقىمىزنى رەسمىي جاكارلىدۇق.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يەر شارىۋى يۇقۇمدا يەنىلا سىجىل ئۆزگىرىش بولماقتا، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلەشمەكتە، كەسكىنلەشمەكتە، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا مۇقىم ئەمەس، تەكشى ئەمەس. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى، مۇقىملىقلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سىياسەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەپ، خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ ئوبوروت خاراكتېرلىك مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سىستېمىسى بىلەن تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تەتقىقاتقا تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت شەكلىدىكى «كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش»نى تۈزىتىپ، ئاۋۋال تۇرغۇزۇپ ئاندىن قالدۇرۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋالىدىغان تومۇز كۈنلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەسئۇللۇقىدىكى مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا پېيىنى بازارغا سېلىشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجارە ئۆينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يەر ئىشلىتىش، باج قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشىلاش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ پەرزەنتلىك» تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئائىت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ