مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ زور خىراجەت باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوشقا گۆشى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2021.07.29 20:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ زور خىراجەت باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوشقا گۆشى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، پەن تەتقىقات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىراجەت باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ئىلھام بېرىش كېرەك. يىغىندا مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بېكىتىلدى.

  بىرىنچى، خامچوت تۈزۈش ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، خامچوت تۈرى توققۇزدىن ئارتۇق تۈردىن ئۈچ تۈرگە قىسقارتىلىدۇ. ئۈسكۈنە خىراجىتى قاتارلىق خام چوت تەڭشەش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ. ئاساسىي تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار تۈرلىرىدە خىراجەتنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، پەن-تەتقىقات تۈرلىرى خىراجىتىدىن «ئادەم»گە ئىشلىتىلىدىغان خىراجەتنى %50 تىن ئاشۇرۇش لازىم. ماتېماتىكا قاتارلىق ساپ نەزەرىيە ئاساسىي تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك خىراجەت نىسبىتىنى %60 كە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋاسىتىلىك خىراجەتنىڭ ھەممىسىنى ئۈنۈم چىقىمىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى چىقىم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئورۇنلار تاپشۇرغان تۈر بويىچە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قاتارلىقلار ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى چىقىمىغا كىرگۈزۈلىدۇ. پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتىكى نەق پۇل مۇكاپاتى شۇ ئورۇننىڭ ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، كېيىنكى يىللىق ئۈنۈم مائاشىنى بېكىتىشنىڭ تۈپ سانى قىلىنمايدۇ.

  ئۈچىنچى، تۈر خىراجىتىنى ئاجرىتىپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تۈر ۋەزىپىسى ئىمزالىنىپ 30 كۈن ئىچىدە خىراجەتنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنغا ئاجرىتىپ بېرىش كېرەك. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، قالدۇق مەبلەغ ئۈستىگە ئالغان ئورۇننىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرۇلۇپ، پەن تەتقىقات بىۋاسىتە چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ. پەن تەتقىقات خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنغان خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش خىراجىتى «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  تۆتىنچى، مالىيەنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى قوللاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم نۇقتا ۋە دائىرە بويىچە باشلامچى ئالىملار تەتقىقات تېمىسى، پەن تەتقىقات كوللېكتىپى ۋە خىراجەتنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. يېڭىچە تەتقىقات-كەشپىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ «خامچوت + پاسسىپ تىزىملىك» بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، ئالاھىدە بەلگىلىمىدىن باشقا، مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق قوللاشتىن ھاسىل بولغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يېڭىچە تەتقىقات-كەشپىيات ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە قولغا كەلتۈرىدۇ، ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ.

  بەشىنچى، پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە ئالاقىدار تەرەپلەر پەن تەتقىقات مالىيە ياردەمچىسى سەپلەپ، خامچوت تۈزۈش، ئاتچوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كەسپىي يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئالاقىدار ئادەم كۈچى تەننەرخى خىراجىتى تۈر خىراجىتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ياخشىلىنىدۇ. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تەرەپلەر يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، نۆۋەتتە تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر مەھەل كۆرۈلگەن ئېغىر تۆۋەنلەشتىن بىرقەدەر تېز ئەسلىگە كېلىپ، نورمال يىللاردىكى سەۋىيەگە يەتتى. نۆۋەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق «چوشقىنىڭ دەۋرىيلىك» داۋالغۇشىنى پەسەيتىپ، تىرىك چوشقا بىلەن تەمىنلەش ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چوشقا باقمىچىلىق مەيدانلىرى (ئائىلىلىرى)نىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداش كېرەك. باقمىچىلىق مەيدانى (ئائىلىسى)، قۇشخانا، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا قەرز بېرىشنى خالىغانچە چەكلەش، قەرزنى ئېلىۋېلىش، قەرزنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. چەكلەنگەن رايون دائىرىسىنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كېڭەيتىشكە بولمايدۇ. كۆلەملەشكەن چوشقا فېرمىسىنىڭ ساقلانما مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك باقمىچىلىق مەيدانلىرى (ئائىلىلەر)نىڭ باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

  ئىككىنچى، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مېكىجىنلارنى كۆپەيتىش، قوتاندا ساقلاش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 تىن كۆپرەك ئازايتىش ياكى تىرىك چوشقا باقمىچىلىقىدا ئۇدا ئۈچ ئاي ئېغىر زىيان تارتقاندا، جايلار كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانلىرى (ئائىلىلەر)گە بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق ياردەم بەرسە بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، چوشقا گۆشى زاپىسىنى جىددىي تەڭشەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ