مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.07.30 11:39 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  1985-يىلى 6-ئايدىن 2002-يىلى 10-ئايغىچە، يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەندە 17 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شيامېن شەھىرى، نىڭدې ۋىلايىتى، فۇجۇ شەھىرى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتابتا ئاساسلىقى يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان مەزگىلدىكى خىزمەت كەچۈرمىشلىرى ئەمەلىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆلكە قاتلىمىدىكى رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

  يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، «ئېكولوگىيەلىك فۇجيەن» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى شەخسەن ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭتىڭنىڭ سۇ تۇپراقنى ئېقىتىپ كېتىشىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولدى؛ «رەقەملىك فۇجيەن» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىدى؛ ئالتە يىلدا يەتتە قېتىم جىنجياڭغا بېرىپ، «جېنجياڭ تەجرىبىسى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى «خەلق» دېگەن سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىيەتتە ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويدى؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «تاماق ئۈستىلىدىكى بۇلغىنىش»نى تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ تۈرلۈك ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسىدا زور ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ خىزمەتلەر ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، فۇجيەن زېمىنىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا باشلامچى بولۇشى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتاب جەمئىي 35 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى دادىل، كەسكىن، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلايدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان رەھبەرلىك سالاپىتى قايتا نامايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك خىزمەت ئىستىلى ئىپادىلەنگەن، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا، خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلاشتەك سەمىمىي ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ كىتاب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ