مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2021.08.02 10:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

  7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك چوڭقۇر چۆكۈپ چارە - تەدبىر ئىزدەپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسىنى كۆپرەك قىلىپ كىچىك ئىشتىن چوڭ مەسىلىنى بايقاپ، پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆپرەك چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقە باغلىغان ئاممىنى پارتىيە سىرتىدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇش، قويۇق ھەمكارلىشىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ليۇ يى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە قىيىنچىلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىياسەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتۇق، پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يولداشلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەي، جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ قىزىل ئىزلارنى ئىزدىدى، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەخسۇس دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى؛ «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىك سۆزىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىقى بار، ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات مۇھىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى خىرىسلارنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار كۆپ، لېكىن يوشۇرۇن كۈچ تېخىمۇ زور، ئەۋزەللىك تېخىمۇ كۆپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ياخشى ۋەزىيەت ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش شارائىتى بار. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋال ئاستىدىكى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكى بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش كېرەك. ئىككىنچى، دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆز ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەزالىرى ۋە ئالاقە باغلىغان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، جۇاڭ يۈمىن قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ