مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 32 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى​

ئىرادە، غەيرەتنى مۇستەھكەملەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئىرادە، غەيرەتنى مۇستەھكەملەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.08.02 10:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، تىرىشىپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا 32 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك دەۋر تەلىپىنى ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ۋەزىپە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»تىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. ئىرادە، غەيرەتنى مۇستەھكەملەپ، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بېكىتىلگەن نىشاننى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يولداش شياۋ تيەنلياڭ پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، تىرىشىپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش، ئۆز خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقى پارتىيە قان بىلەن ئوت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە چىقارغان مۇھىم، زور يەكۈن. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئارقا - ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشكە قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خەلق ئارمىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيالايدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكىگە ئىگە بولالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپقاندىلا ئاندىن دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىرىك پىلاننىڭ نوپۇزلۇقلۇقى ۋە ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش بىلەن قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇرۇش قىلىش، قۇرۇش، تەييارلىق قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات. يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىشتە، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۇنيانىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، قەتئىي بوشاشماي دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشتا، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈم - ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە بايلىقىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىشتە، پىكىر يولى ۋە تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئىقتىدار ساپاسى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئېچىش - باشقۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارمىيەمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچلۈك قوللاش، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەربىيلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ