مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

2021.06.29 11:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ

  «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان» تېمىلىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

  «بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئاسانغا توختىمىدى، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇشى ئاسانغا توختىمىدى. پۇقرالارنىڭ چىن كۆڭلىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىشى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بەختىنى كۆزلىگەنلىكىدىن بولدى.» بۇ يىل 6 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

  باش شۇجىنىڭ بۇ مۇپەسسەل بايانى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى چوڭقۇر يەكۈنلىگەنلىك، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى جانلىق شەرھلىگەنلىك، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىغانلىق.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى خەلقتە، قان تومۇرى خەلقتە. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى دەل پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، دەل پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، بىزنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ ئاساسىمىز؛ جۇڭگو ئارزۇسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاش، بىللە ئىشلەش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش كېرەك... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملىدى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلققە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بار ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە خەلق داھىيسى، مەيلى ئاساسىي قاتلامدا، يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، ياكى مەركەزدە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، ھەممىدە باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىگە پۈكتى، قەلبىدە ئويلاپ كەلدى. مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسۇن ياكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسۇن، مەيلى ساغلام جۇڭگو، تىنچ - ئامان جۇڭگو، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا بولسۇن ياكى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكتى، خەلققە رىشتە باغلىدى.

  «بۇنداق چوڭ بىر دۆلەتتە مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر، خىزمەت ئىنتايىن مۈشكۈل، مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن. مەن <ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان> ھالدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن».

  «خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى بولسا خەلقنىڭ رايى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى دەل خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش تارىخى».

  باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىگە خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي، ساپ مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى!

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلدى، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلىپ 100 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى. شاڭخەيدىكى شىكۇمېندىن جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىگىچە، بىر كىچىك قىزىل كېمە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى! پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرسا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرسا، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسا، چوقۇم مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ، چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ