مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى باشقا پارتىيەلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى» (چەت ئەل پارتىيەلىرىنىڭ 100 نەپەر ئەربابى نەزىرىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى)

‐‐‐ بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى ئالېكسې سوكالنى زىيارەت

2021.06.16 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى ئالېكسې سوكال يېقىندا خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «100 يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 91 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىدا.»

  بېلارۇسىيە پارلامېنتى ۋە خەلقى ئارىسىدا بىرقەدەر تەسىر كۈچىگە ئىگە پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىزچىل ياخشى بولغان پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. 2017-يىلى، سوكال بېيجىڭدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى باشقا پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ كەچۈرمىش ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تەپسىلىي شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. مېنىڭچە، ھەرقايسى ئەل پارتىيەلىرى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نەتىجە يارىتالايدۇ.» سوكال مۇنداق دېدى: سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى زور، «بەلكىم بىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تەشەببۇسىمىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پارتىيەلەر توپلاشقان، ئىدىيەلەر گىرەلەشكەن بۇ سۇپىدا، بىز كەڭ-كۇشادە ھەمكارلىشىمىز».

  2018-يىلى 3-ئايدا، سوكال بېلارۇسىيە-جۇڭگو پارلامېنتلار دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. ئۇ خېبېينىڭ يېزا رايونلىرىدا نۇرغۇن ئېگىز بىنالار ۋە سودا سارايلىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى پىكاپلارنى ھەيدەپ سەپەرگە چىققانلىقىنى كۆردى. ئۇ يېقىندا بۇ يەردە پاكار بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر ۋە بوش يەر بارلىقىنى بىلىپ ھەيران قالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا نۇرغۇن يېزا نوپۇسى بار. بۇ يەردە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر جۇڭگونىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىزچىل تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش نىشانىنىڭ بىرى».سوكال جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي لۇشيەن قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كادىرلارنى تاللاش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇشنى تەكىتلەپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش قاتارلىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش جەھەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى باشقا پارتىيەلەرگە ئۈلگە بولدى.»

  سوكول سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا كىرىزىس كېلىپ چىقىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىكى ئىلغارلىققا كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلگەن ماركسىزم.سوكول ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. مەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، نۇرغۇن يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلاردىمۇ بارغانسېرى زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدىم.

  جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ خىرىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. سوكول بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. يۇقۇم خىرىسى ئالدىدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قەدىمىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى كۆردۇق.زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا، سوكول جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ