مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خىزمەت ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش لازىم

2021.05.11 19:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئەلرايىنى بىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش لازىم؛ خىزمەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ھېسابات شەكلى، نومۇر ئۆچۈرۈش شەكلى بويىچە باشقۇرۇش لازىم؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، «دەۋا تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش»نى «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتىش لازىم... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئۆگىنىش»، «ئىشلىتىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش»، «ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئۆگىنىش __ ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئىشلەتكەندە ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. چوڭقۇر ئۆگەنگەن، تولۇق چۈشەنگەندىلا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ يۆنىلىشى ۋە پىكىر يولى بار بولىدۇ؛ خىزمەت ئۈنۈملۈك بولسا، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشسە، ئاندىن ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى سىنىغىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلار، ئاممىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىش − ھەم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ تەلىپىدۇر.

  «كىچىك باشلىنىش ئېغىزى» ئىچىدە چوڭ خەلق تۇرمۇشى بار. خەلقنىڭ ئارزۇسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ نىشانىدۇر، شۇنداقلا ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىدۇر. «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ ھەم مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ، ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، بىز ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ