خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «‹پارتىيەدىكى شەرەپلىك 50 يىل› خاتىرە ئىزنىكىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2021-يىلى «پارتىيەدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىشنى قارار قىلدى. بۇ خىزمەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىجىل كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئۇقتۇرۇش»تا، «پارتىيەدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىش ئوبيېكتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ھايات تۇرۇۋاتقان، 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە پارتىيە ئىستاژى 50 يىلغا توشقان، ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان پارتىيە ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىش، تەشكىللەپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
«پارتىيەدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە ھەر يىلى «1-ئىيۇل»دا بىر قېتىم مەركەزلىك تارقىتىلىدۇ. يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «‹پارتىيەدىكى شەرەپلىك 50 يىل› خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش تەرتىپى، تارقىتىش ئۇسۇلى، تەييارلاش، باشقۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ