مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەلگۈسى بەش يىلدا، ھەميانىڭىزنىڭ «تومپىيىپ چىقىشى» بۇ كىرىمدىن ئايرىلالمايدۇ

2021.03.16 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت ئېلان قىلىنغان «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار بىلەن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» بولغان مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش بازىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ «ھەميان»ى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلاھاتلار قايسى جەھەتلەردىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

  مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ «ھەميانىڭىز» ئىچىدىكى ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

  ئالدى بىلەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مال-مۈلۈك ساپ كىرىمى 2619 يۈەن بولغان، بۇ سان 2013-يىلى 1423 يۈەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مال-مۈلۈك ساپ كىرىمىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ 7.7%تىن 8.5% كە ئۆسكەن.

  كىشىلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئېشىۋاتقان مالىيە باشقۇرۇش ئېھتىياجى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز پايدا قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 32 مىڭ 189 يۈەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شۈ گۇاڭجيەن مۇنداق قارىدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئۆستۈرۈش − ئىستېمال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم يولى. ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇشتا، ئىستېمالنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  جۇڭجىن شىركىتى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە مۈلكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن باشلاپ تەدرىجىي جۇغلىنىشقا باشلىدى، تەقسىملەشنىڭ ئاساسىي كۈچى تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشلىنىپ، تۈرلۈك ئائىلە چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، ئاندىن كۆچمەس مۈلۈك، ئاپتوموبىل قاتارلىق قىممەت باھالىق مۇقىم مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىشقىچە تەرەققىي قىلدى، ھازىر پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى تەقسىملەش تېزلىشىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

  ماس كېلىدىغان كىشىلەر ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

  يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى «ئائىلە بايلىقىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش» دېگەن بۇ بايانلار بازارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ گاڭ مۇنداق قارىدى: ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ پايدىسىدىن كېلىدۇ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.

  زېڭ گاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مالىيە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل رىقابەت سەھنىسى بەرپا قىلىدۇ. بانكىلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تارماق شىركىتى، ئاممىۋى فوندى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئېرىشىدىغان مۇلازىمەتمۇ تېخىمۇ كەسىپلىشىدۇ.

  پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىملەش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ

  ئەستايىدىل كۆزەتكۈچىلەر يەنە يىرىك پىلان پروگراممىسىدا «پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» دېگەندىن ئىبارەت مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى بايقىدى. بۇ، ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سالغان 180 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشى − مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمگە ئېرىشىشىدىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا تىلغا ئېلىنىشى كەلگۈسىدە بۇ تۈزۈمگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ۋە مۇكەممەللىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇلتۇر 3-ئايدا يولغا قويۇلغان يېڭى ئاكسىيە قانۇنىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر شىركەت نىزامنامىسىدە نەق پۇل پاي پايدىسىنى تەقسىملەشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پايچىكلارنىڭ مۈلۈكتىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. پېيىنى بازارغا سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ شۇ يىللىق باجدىن كېيىنكى پايدىسىدىن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرغان ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى فوندىنى ئاجراتقاندىن كېيىن پايدا قالغان بولسا، شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەق پۇل پاي پايدىسى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك.

  «پەقەت پايدا ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، نەق پۇل ئوبوروتى ياخشى بولغان پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرلا مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇقىم، سىجىل نەق پۇل پايدىسىنى تەقسىملەپ بېرەلەيدۇ.» ۋۇشى فاڭۋەن مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شاۋشيا مۇنداق دېدى: A پاي بازىرىنىڭ پايدا تەقسىملەش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى − رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى، بازاردىن چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: كەلگۈسىدە پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئاكسىيە بازىرىدىكى مەبلەغ سېلىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، بىر موچەنمۇ ئۈنمەيدىغان «تۆمۈر خوراز»لارنى بارغانسېرى ئازايتقاندىلا، ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ