مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى ___

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىدە پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

(100 يىللىق كۈرەش يولىدا مېڭىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش)

2021.03.15 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  سەھىپە مۇقەددىمە سۆزى

  2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، خەلق گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «100 يىللىق كۈرەش يولىدا مېڭىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» سەھىپىسىدە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» تارماق سەھىپىسىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم روھى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى، بارلىققا كەلگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر ۋە ئىلغار تىپلار قاتارلىقلارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، خەۋەر قىلىدۇ.




  2-ئاينىڭ 20-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چۆرىدەپ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇھىم پەيتىدە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى تارىخ گىرەلەشكەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا، ئىنتايىن زۆرۈر بولدى.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا سەپەرۋەر قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى يولغا قويۇشنى بالدۇر پىلانلاپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تېزدىن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈردى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، 2021-يىللىق پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈپ، «ئۈچكە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئۈچكە تۈرتكە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلدى ۋە كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى؛ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلدى، ئەزا ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈردى؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقىتىپ، نىشان-تەلەپ، ئۆگىنىش مەزمۇنى، كونكرېت ۋەزىپە ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە شەكىل، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، باسقۇچلۇق ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىن شەكلىدە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن سىستېمىنى ئۆگىنىش-تەربىيە داۋامىدا «كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىردى.

  بېيجىڭ شەھىرى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلەپ، پايتەختنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، ياخشى قەدەم تاشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار)دىن سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتۈن ئۆلكە رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بەس-بەستە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، قاتلاممۇ قاتلام ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىدە تېزدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيە دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك.

  يۈننەن ئۆلكىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئۆلكە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تېزدىن رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

  مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى چېڭياڭ رايونىدا، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيە دەرسى، ياشلار پارتىيە دەرسى، مۇزىكا پارتىيە دەرسىدىن ئىبارەت «ئۈچ سائەتلىك دەرس»نىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلاندى.

  پىدائىيلار شۆبە ئەترەتلىرى مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، مەھەللىلەردىكى ئۆزگىرىش، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە قىزىل ھېكايىلەرنى قېزىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈردى؛ ياشلار پارتىيە دەرسى، مول مەزمۇنلۇق باش تېمىلىق ماقالە قوبۇل قىلىش، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تايىنىپ قىزىل گېن، ئىنقىلاب ئوتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى؛ مۇزىكا پارتىيە دەرسى پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قىزىل كىلاسسىك مۇزىكىلارنى تاللاپ تاماشىبىنلارغا تەسىرلىك ھېكايە ۋە گۈزەل مېلودىيەلەردىن شەرەپلىك ئەنئەنىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇردى ...

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا، ئاساسىي قاتلامغا، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  يۈنلىڭ زېمىنىدا، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش»، «ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش»، «قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا.

  ياشلار سۆزلەيدۇ، ياشلار ئاڭلايدۇ. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى گۇەندۇ رايونى جىنما كوچىسى فاڭخۇالى «قىزىل ئاۋاز» نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىدا، ياش دىكتورلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە، بولۇپمۇ ياشلارغا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. گۇەندۇ رايونى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، ساپاسى يۇقىرى 27 ياشنى تاللاپ ئاكتىپ كۈچ تەشۋىقات قوشۇنى قۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

  «چېن شۇشياڭ، ياڭ كەيخۇي قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار چاڭشا ناھىيەسىدىن. ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى، قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى بىزنى بۇ قىزىل تۇپراقتا بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى»، دېدى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا ناھىيەسى كەيخۇي بازىرى كەيخۇي كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى جۇ يوۋجى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى پۈتۈن ئۆلكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنى مەركەزلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، سىنلىق ئوقۇتۇش ئارقىلىق پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنىڭ «چاغانلىق تۇنجى دەرسى»نى ياخشى ئۆتتى. ئۆلكە بويىچە 23 مىڭ 791 كەنت، 5422 مەھەللە، 170 مىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەنت (مەھەللە) كادىرى، پارتىيە ئەزاسى قاتنىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى.

  «بىز ‹مەن كىم› ‹كىم ئۈچۈن› ‹كىمگە تايىنىش›تىن ئىبارەت بۇ مەسىلىلەرنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز!» بىرىنچى دەرسنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسى شۇاڭفېڭ ناھىيەسى جىڭزى بازىرى تۇڭلياڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زو جىشيۇڭ.

  كونا ئىنقىلابىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تىڭ شيەن پارتىيە ئەزالىرى نەق مەيدانىدا ئۆگىنىش، ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى كىتابلارنى يېزىش، قىزىل چۈشەندۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا ئۆگىنىشكە تەرتىپلىك قاتناشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئورنىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى نەق مەيداندا ئوقۇتۇشقا قاتنىشىپ، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىنقىلابىي تارىخىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى، پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى رەھبىرى چۈ چيۇبەي قامالغان قاماقخانىدا، ئۇنىڭ ئىنتېرناتسىئونال شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتقان، مەردلەرچە ئۆلگەن مەنزىرىسىنى ئەسلەپ، ئۆگەنگۈچىلەر كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتكە قاراش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش

  «كەنت ئاھالىلىرى، دوستلار خەيرلىك سەھەر، ‹قارلىق دالا ساداسى›نى ئاڭلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، بۈگۈن داۋاملىق ‹پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش› پىروگراممىسىنى ئاڭلايمىز ...» 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇدەنجياڭ خەيلىن شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى سەككىز يېزا-بازاردىكى 112 مەمۇرىي كەنتتىكى 143 كىچىك كانايدىن پايدىلىنىپ «قارلىق دالا ساداسى»نى قويۇش سۇپىسى قۇردى.

  قىزىل ناخشا، پارتىيە تارىخى نەزەرىيەسى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلىملىرى ... ھەر كۈنى سەھەردە، ھەر خىل رادىيو نومۇرلىرىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى باشلىدى. كاناي خەيلىن شەھىرىنىڭ ئاممىۋى پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى «ئاڭلىغاندا قۇلاق سالىدىغان، يول ماڭغاندا غەيرەتكە كېلىدىغان، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، تۇرمۇشتا ئۈمىدكە ئىگە قىلىپ»، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشى»گە تۈرتكە بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرى»نى بىرلىكتە راۋانلاشتۇرىدۇ.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئورۇنلاشتۇرما قىلىش باسقۇچىدا ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە «ئىككى ياقلىمىلىق» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېخانىزم، ئۇسۇل، شەكىل قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇرۇش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۈنۈمىگە ئايلاندۇردى.

  خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى «ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزۈش» قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان ھالدا، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» سەرلەۋھەلىك ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ۋە «كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن»، «غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزىمەن»، «يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەھەللىنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى»، «ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىش» قاتارلىقلارنى تېما قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئىشلىرى كەسپىي ساھەسىدىكى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، غەم-ئەندىشى ۋە ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى.

  3-ئاينىڭ 13-كۈنى، تاغلىرى ئېگىز، ئورمانلىرى قويۇق ۋە چەت-ياقىدىكى جىلىن ئۆلكىسى لىنجياڭ شەھىرى باۋشەن كەنتىدە، چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىدى. مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى، باۋشەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جۇڭۋېي مۇنداق دېدى: « پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش − ‹خەلق› دېگەن بۇ سۆزنىڭ كۈچىنى ماڭا چوڭقۇر تونۇتتى. شۇڭا بىز ئىلگىرىكى ‹ئامما كەلسە ئاندىن ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش›تەك كونا خىزمەت ئىستىلىنى ئەمدى ‹ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش›قا ئۆزگەرتىپ، ‹ئامما ئىش بېجىرمەكچى› دېگەننى ‹ئامما ئۈچۈن بېجىرىپ بېرىش›كە ئۆزگەرتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ