مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

7- ئىيۇل ۋەقەسى: جۇڭگودىكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى

2021.03.09 17:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەنپىڭ شەھىرى بېيجىڭ فېڭتەي رايونىدا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بىر قەدىمىي شەھەر بولۇپ، گەرچە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى يەنىلا مىچچىدە ئوق ئىزلىرى ۋە بومبا ئورەكلىرى بىلەن تولغانىدى.

  بۇ قەدىمىي شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىزلار 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ تۈن قاراڭغۇسىدا يۈزبەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ گۇۋاھچىسى: 1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى بىر ئەسكىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتەملىك بىلەن لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ۋە ۋەنپىڭ شەھىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ياپونىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتلىدى.

  شىددەتلىك مىلتىق ۋە زەمبىرەك ئاۋازى ۋەنپىڭ شەھىرىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرەش ئىرادىسىنى ئويغاتتى.

  «7 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ پارتلىشى ياپونىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ جۇڭگودىكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇكى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى» دېدى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى لى چىڭخۇي.

  بېيپىڭ - تيەنجىن خەۋپ ئاستىدا قالدى! خۇابېي خەۋپ ئاستىدا قالدى! جۇڭخۇا مىللىتى خەۋپ ئاستىدا قالدى! دۆلەت مۇنقەرز بولىدىغان، مىللەت مۇنقەرز بولىدىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن كىرىزىس ئالدىدا، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون ئارمىيەسىنىڭ لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تېلېگراممىسى»نى ئېلان قىلىپ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: پۈتۈن جۇڭگودىكى قېرىنداشلار، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي بىرلىك سەپنىڭ مۇستەھكەم سېپىلىنى قۇرۇپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرايلى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى ئاساس قىلىنغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ رەسمىي شەكىللەندى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاياتلىق يولى ئىزدەش جۇڭگودىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى سىنىپلار، ھەرقايسى قاتلاملار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ھەمدە دۆلىتىمىز سىرتىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭ ئاساسلىق ئۈچ سەۋەبى بار: بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولدى؛ ئىككىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش فاڭجېنىنى ۋە بىر يۈرۈش ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنى، پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئەينى چاغدا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ نەزەرىيە يېتەكچىسى، شۇنداقلا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ۋە پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولدى؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە كەڭ ئۇرۇش مەيدانى ئېچىپ، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا، سەنشى - چاخار - خېبېي قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 19 ئاساسلىق تايانچ بازا قۇردى» دېدى لى چىڭخۇي.

  ياڭ جىڭيۈ پاختا تالاسىنى يەپ، دەرەخ قوۋزىقىنى غاجاپ، قەيسەرلىك بىلەن قۇربان بولغانغا قەدەر قانلىق جەڭ قىلدى؛ جاۋ يىمەن دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقلاردىن قورقماي، مەردانىلەرچە قۇربان بولدى؛ شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سەككىز ئايال جەڭچىسى دەرياغا سەكرەشكە، لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان قىيادىن سەكرەشكە رازى بولدىكى، دۈشمەنگە باش ئەگمىدى... قەھرىمانلارنىڭ بۇ قەھرىمانلىق ھەرىكەتلىرىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  تاجاۋۇزچىلارنىڭ تۆمۈر تاپىنىنىڭ دەپسەندە قىلىشى ئالدىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى دۈشمەننىڭ توپ ئوقىغا قارىماي، توختىماي ئالغا بېسىپ، دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىردەك ئاتلاندى، مىليونلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېر - جەڭچىلەر قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىدى. خۇاشيا جيۇجوۋنىڭ ھەممىلا يېرى «ئانىنىڭ ئوغلىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتىش، خوتۇنىنىڭ ئېرىنى جەڭ مەيدانىغا ئۇزىتىش»تەك تەسىرلىك مەنزىرە بىلەن تولدى؛ دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدا، باشقا دۆلەتتىكى ياقا - يۇرتلاردا خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ «چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىمىز، ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرىمىز، ئارقا تىرەك بولىمىز» دەيدىغان ئاكتىپ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولدى...

  «لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدىكى زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇرغىسى بولدى، پۈتكۈل جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان غەزەپ ئوتلىرىغا تولدى. تاغنى تالقان قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بۇ كۈچ ئېغىر ئۇيقۇدىكى مىللەتنىڭ روھىنى ئويغاتتى» دېدى لى چىڭخۇي.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئۇرۇشنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى تارقاپ كەتتى، «قىلىچ بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ كاللىسىنى ئالايلى» دېگەن مەردانە سادا خۇاشيا زېمىنىدا ھېلىھەم ياڭراپ تۇرماقتا. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى مەيدانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئويغىنىشىغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ھەيكەل «لۇگۇچياۋدىكى ئويغانغان شىر» ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ