مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يېقىشلىق سۆزلەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (2-بۆلۈم) كۆرسىتىلىدۇ

2021.02.19 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئالاھىدە پىروگرامما «يېقىشلىق سۆزلەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (2-بۆلۈم) 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. پىروگرامما پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2-بۆلۈم پىروگراممىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى مىزان قىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى دەۋردىكى كىتابلار ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە مەدەنىيەت قىممىتى يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى يولباشچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇشتەك داھىيلىق سالاپىتى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتى ئىجادىي يوسۇندا نامايان قىلىنغان.

  12 قىسىم پىروگراممىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن»، «ئۆزىنى يېڭەلىگەنلەر ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ»، «دۆلەت ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ساداقەتمەنلىك تارىخ بەتلىرىنى يورۇتىدۇ»، «ئەمەلدار بولغان ئادەمنىڭ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئۆمۈرلۈك نومۇس ئىش»، «پۈتكۈل ھاياتىنى دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئاتاش»، «لەۋزىدە تۇرۇش ئالتۇندىن قىممەت»، «توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈنسېرى يېڭىلىنىش»، «بارلىق مەۋجۇداتلار بىللە يېتىلىدۇ، بىر-بىرىگە توسالغۇ بولمايدۇ»، «تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك»، «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق»، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»، «يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، چەكسىز دېڭىزدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش» تېما قىلىنىپ، دىققەت ئەسلىي مەقسەت، ئېتىقاد، ساداقەت، مەسئۇلىيەتچانلىق، ۋەتەننى سۆيۈش، سەمىمىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل بولۇش، ھەمبەھرە بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، كۈرەش قىلىش، ئارزۇ قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي ئاۋازى ئېلىنغان قىسقا فىلىم، كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش، ئىدىيە جەھەتتىن يېشىش، ھەمتۈرتكە سۆھبەت، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بەش ھالقا ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، كۆرۈنۈشلەر يۇغۇرۇلغان، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان ئىدىيەۋى ئىلھام ۋە سەمىمىي ھېسسىيات يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، يەتتە ئاساسىي سۆزلىگۈچى ۋە بەش چۈشەندۈرگۈچى باش شۇجى شى جىنپىڭ نەقىل كەلتۈرگەن ئۆرنەكلەرنىڭ مەنبەسى، ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ھېكايىسى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ