مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى

2021.01.15 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئاياغلاشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش سىياسىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  مۇھاكىمە كۇرسى مەزگىلىدە، بارلىق كۇرسانتلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. كۇرس تاماملىنىش مۇراسىمىدا، مۇھاكىمە كۇرسىدىكى ئون ۋەكىل سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى دوكلات قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، قايتا-قايتا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە نىشان تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئەۋزەللىكىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئۈستۈنلۈكنى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ھاياتىي كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، سىجىللىق كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  چېن شى كۇرسنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ شياۋدۇ، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، يوۋ چۈەن كۇرسنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ