مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم

−− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاھاسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.01.14 20:04 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بىر تەرىپى قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت.

  ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىيات مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئۇسۇلى، يولى قاتارلىق بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلىرى شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوقۇم مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى تۈپتىن بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قارىتا نۇرغۇن مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە پىكىر يولىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك، پىروگرامما خاراكتېرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، قوماندانلىق تايىقى، قىزىل-يېشىل چىراغ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئومۇمىيەتنى، نېگىزنى، كەلگۈسىنى باشقۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىدۇر. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتى جەھەتتە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  قانداق قىلغاندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ جەھەتتىن چوڭقۇر بايان قىلدى.

  بىرىنچى، تۈپ مەقسەتتىن چىقىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش لازىم. خەلق − پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ زور ئىشەنچىدۇر. خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش − پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى»دۇر. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە. ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، رايونلار پەرقى، شەھەر-يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، مەسىلە يېتەكچىلىكىدىن چىقىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى تەلەپكە ئاساسەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئەمەلىي قوللىنىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كۈلپەت ئېڭىدىن چىقىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش لازىم. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. سىياسىي خەۋپسىزلىك، خەلق خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  «بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، قىلىش شۇنچە پۇختا بولىدۇ.» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇرۇش، يېشىل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك شەكىلگە ئايلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى مۇقەررەر يولغا ئايلاندۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلساقلا، بىز چوقۇم «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا، ياخشى قەدەم ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ