مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60تىن ئاشتى

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى («13-بەش يىل»نى مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۇق)

2021.01.08 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خېنەن ئۆلكىسى لوشەن ناھىيەسى زىلۇ بازىرى جۇۋەن كەنتىدىكى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن مۇنبەت ئېتىزدا، پىرقىرىما ئاغدۇرۇش ماشىنىلىرى ئېتىز-ئېرىقتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، شىڭجىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن گۇيچۈەن: «بۇ كۈزگى بۇغدايدىن جەزمەن ياخشى ھوسۇل ئالالايمىز!» دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھاسىلاتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەھسۇلاتى بىخەتەر، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت سۆيەر يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئاچتى.

  −− يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى تېخىمۇ ئۆسۈپ، دېھقانلار «ئالتۇن ئەپكەش» كۆتۈرۈپ، ھوسۇل ئېلىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنە، جابدۇقلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى «ئۆتكۈر قورال»غا ئايلاندى. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭشۈي ناھىيەسى 50 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدا «بۇلۇت» تېخنىكىسىنى قوللاندى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى مايسا ئەھۋالى، نەملىك ئەھۋالى، ھاشارات ئەھۋالىنى رېئال ۋاقىتلىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، «تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلىش»تىن «ئەقلىي تېرىقچىلىق قىلىش»قا ئۆزگەردى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى كېنلى رايونىدا يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەڭ ئاتلىنىپ، ئورۇش، سىلوسلاش، چوڭقۇر بوشىتىش، ئۇرۇق سېلىش ئاقما مەشغۇلاتىدىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ماشىنىلاشتۇرۇلدى.

  سۈپەتلىك ئۇرۇق بويىچە مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش __ جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قولىدا چىڭ تۇتۇشىغا كۈچ قوشتى. «كەنجى شالنى ئەمەلىي ئۆلچىگەندە ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 911.7 كىلوگىرام بولدى!» 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭنەن ناھىيەسى قوش پەسىللىك كەنجى شالنى سىناق قىلىش ئۈلگە بازىسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ ئەترىتى يېتىشتۈرگەن 3-ئەۋلاد شالغۇت شال «سەنيوۋ 1-نومۇر»نىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆلچەش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، كەنجى شالنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 911.7 كىلوگىرامغا يەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 7-ئايدا ئۆلچىگەن چىلگە شالنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 619.06 كىلوگىرامنى قوشقاندا، بۇ 3-ئەۋلاد شالغۇت شال قوش پەسىللىك چىلگە شال بىلەن كەنجى شال مەھسۇلاتىنىڭ 1530.76 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 1500 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، شالغۇت شالنى قوش پەسىللىك تېرىش مو بېشى مەھسۇلاتىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان تۈرلۈك تېخنىكىنى قوللىنىش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ توختىماي ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60تىن ئېشىپ، زىرائەت تېرىش-يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ سورتلۇق ئۇرۇق بىلەن تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 800 مىليون مو قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «كۈنگە قاراپ ھوسۇل ئېلىش»قا خاتىمە بېرىلدى. ئاشلىقنى يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش كېرەك، 2020-يىلى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 340 مىليارد جىڭغا يېتىپ، ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملىشىپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

  −− تەشكىللەش دەرىجىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېڭىچە تىجارەت قىلىش سۇبيېكتى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ئېتىز-ئېرىقلارنى جانلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشتى.

  «كىم يەر تېرىسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ دەيدۇ؟ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايدىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ!» خېنەن ئۆلكىسى شيايى ناھىيەسى خۇيتىڭ بازىرى گولۈجۇاڭ كەنت ئاھالىسى جۇ چۇەنخەي باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۇدۇللاشقۇچى شىركەت ۋاكالىتەن سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈپ، بىر مو يەردىن 400 يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلىپ، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىشقا ئۈلگە ۋە تۈرتكە بولدى.

  «ئېتىز خىزمەتچىسى» ئېتىز-ئېرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى، كەسىپلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەييۈەن ناھىيەسى شۈشۈ يېزىسىدىكى شېڭشى شىڭنۇڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى شاڭ يۆ 14 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ۋاكالىتەن باشقۇراتتى. «دېھقانلار ھەم ‹قورۇما بۇيرۇتسا› ھەم ‹بىراقلا ھۆددىگە بەرسە› بولىدۇ، ۋاكالىتەن ئاغدۇرۇش، ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن يىغىش ئارقىلىق پۇل تېجىگىلى ھەم ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولغىلى بولىدۇ»، دېدى شاڭ يۆ، _ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۆيىدە يەر تېرىيدىغان دېھقانلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ، يەرنىڭ ھاسىلات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىدى.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت قىلىش سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى 1 مىليوندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2 مىليون 225 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە يېرىمغا يېقىن دېھقانغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى. مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىيلاشقان يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتى جەمئىي 893 مىڭغا يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى 1 مىليارد 500 مىليون مو قېتىمدىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  −− مەھسۇلات سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا بولۇپ، «قورساق تويغۇزۇش»تىن «ياخشى يېيىش»كىچە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تېز شەكىللەندى.

  قۇرۇتۇش مەيدانىدىكى ئالتۇندەك سېرىق بۇغدايلارغا قاراپ، خېيلۇڭجياڭ بېيداخۇاڭ يېزا ئىگىلىك بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى نۇڭجياڭ دېھقانچىلىق مەيدانى چەكلىك شىركىتى 1-باشقۇرۇش رايونىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ياڭ ماۋلۇڭ ئۆزىنىڭ يېشىل ئاشلىق تېرىش تەسىراتىنى سۆزلىدى: يانچە چوڭقۇر ئوغۇتلاش، سۇنى تېجەپ سۇغىرىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا تايىنىپ، 510 مو شاللىقتىن 6000 يۈەندىن ئارتۇق ئوغۇت ھەققى، 1500 يۈەندىن ئارتۇق سۇ، توك ھەققى تېجەلدى.

  سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى گۈللەندۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش __ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە ئۆزگەردى. «سۈپەت ماركا، سۈپەت بازار دېمەكتۇر. بۇ يەردە ئۆردەكلەر سېمىز، شاللار پۇراقلىق بولۇپ، بىر ئېتىزدىن قوش ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ»، دېدى جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ شەھىرى باۋشوۋ بازىرى مىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شۈ يۈچىڭ. ئۇ 2020-يىلى 100 مو شال ئېتىزىدا قىسقۇچپاقا بېقىشنى سىناق قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈرۈچنى تاۋار ماركىسىغا رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، بىر جىڭىنى ئون نەچچە يۈەنگە ساتتۇق، بىر گېكتار ئورگانىك شال ئېتىزىنىڭ كىرىمى ئادەتتىكى شال ئېتىزىنىڭكىدىن 40 مىڭ يۈەن ئارتۇق بولدى».

  يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ماركىلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ياخشى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تەمىنلىگىلى بولىدىغان بولدى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار سېلىنما مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى پاكىزلەشتۈرۈش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلىدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارى ئۇدا بىرقانچە يىل مەنپىي ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى چىقىرىندىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى %75كە يېتىپ، شاخ-شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى %86كە يېتىپ، يېشىل، ئورگانىك ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بار دەپ بېكىتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 492 مىڭدىن ئاشتى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97تىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ