مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شەھەر بىلەن يېزا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلىدۇ، ئورتاق گۈللىنىدۇ

شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چوڭ قەدەم تاشلاندى («13-بەش يىل»نى مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۇق)

2021.01.08 18:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تاغ جىلغىسىنى بويلاپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىننى بويلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوۋ شەھىرى خۇاڭيەن رايونى يۈتوۋ يېزىسى ليەنيى كەنتىگە ئېقىپ كىردى، ئېتىز-ئېرىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى تاغ-ئورمان ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. چېن شىجۈن يۇرتىغا قايتىپ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرغاندىن بۇيان، يۇرتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان گۈزەل تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆردى، ئۇ: «ھازىر كەنتنىڭ شارائىتى ياخشى، شەھەردە تۇرغاندىن پەرقلەنمەيدۇ. سېرىق توپايول سېمونت يولغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدىغان بولدى؛ تازىلىق ئىشچىسى قەرەللىك ئەخلەت تازىلايدۇ، كوچا پاكىز، رەتلىك بولۇپ كەتتى»، دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئىشچى-دېھقانلار مۇناسىۋىتى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش − زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ.» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، چوقۇم شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، جايلار، تارماقلار شەھەر-يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2019-يىلى 16 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئون يىل شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش %100 بولدى، مەمۇرىي كەنتلەردە ئوپتىك تالا ۋە G4 تورىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98 تىن ئاشتى... سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر-يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتى تېز شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى ئاستا-ئاستا نامايان قىلىندى.

  −− بۇ بەش يىلدا، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ماسلاشتى.

  سۇ، توك، يول، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر شەھەر-يېزىلار ئارىسىدا ئۇلاقسىز تۇتاشتۇرۇلدى. ئاق بۇلۇتلارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى گەنسۇنىڭ لۇڭنەن شەھىرى داڭچاڭ ناھىيەسى فۇجيا كەنتى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان. سېمونت يول تاغنى بويلاپ يۇقىرىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرگەندە، چاسا ھويلىلار رەتلىك ھەم پاكىز. «جۈمەكنى ئاچساقلا، سۈزۈك سۇلار شارقىراپ چۈشىدۇ، كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش كۆپ قولايلىق بولدى.» بىر سۇ ساقلاش كۆلچىكى، بىر سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى كەنت ئاھالىسى فۇ شياشيانى تاغقا چىقىپ سۇ توشۇش بىلەن خوشلاشتۇردى.

  كەنت ئۆزگىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ راھەت بولدى. 300 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەلكۈن چىقىرىش ئۆستىڭى ياسىلىپ، كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا تىنچلاندى؛ 3.6 كىلومېتىرلىق يول كېڭەيتىلىپ مۇستەھكەملىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلدى؛ مەدەنىيەت مەيدانى، كارىدور، مۇلازىمەت مەركىزى تولۇق بولدى، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جاي بار بولدى...

  فۇجيا كەنتىگە ئوخشاش، بارغانسېرى كۆپ كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە 1 مىليون 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %65 تىن ئاشتى... ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلدى.

  داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت شەھەر-يېزىلاردا ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈلدى. شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى پائال قۇرۇلۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەر دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، %95 تىن ئارتۇق ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى... ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇنۇپ، شەھەر-يېزا تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىناق بولدى.

  −− بۇ بەش يىلدا، تۈرلۈك بايلىق ئامىللىرىنىڭ شەھەر-يېزىلار ئارا يۆتكىلىشى تېخىمۇ ئەركىن بولدى.

  يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى تېخىمۇ مەۋج ئۇردى. «قەدىمىي دەرەخلەر، ئېگىز-پەس ئۆيلەر، كۈنگەي يىراق-يېقىن تاغلار»، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى يۇڭنيەن رايونى ۋاڭبيەن كەنتى «كاۋاك كەنت»تىن ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى، بىر مەھەل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن تاغ جىلغىلىرىدا قاينام-تاشقىنلىق ئەسلىگە كەلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىئېن مۇنداق دېدى: كەنتتە مۇخ يولى، قەدىمىي قاۋاقخانا، قەدىمىي تۇرالغۇ بار، ئۆزگىچە قەدىمىي كەنتنىڭ مەنزىرىسى ياراپ قالغانلىقتىن، ئون نەچچە سەنئەتكار بۇ يەردە خىزمەت ئىشخانىسى قۇردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى قايتىپ كېلىپ دېھقانلار ئارامگاھى ۋە ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇ قۇردى.

  2019-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، يېڭىلىق ياراتقانلار 8 مىليون 500 مىڭغا، يېزىدا ئىگىلىك تىكلىگەن، يېڭىلىق ياراتقانلار 31 مىليونغا يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى ئالتە دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، ئۇلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

  دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىش يولى تېخىمۇ راۋانلاشتى. ئەنخۇي خېفېي شەھىرىدە، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شەھەر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئىجارىلىك ئۆيىنى ئىلتىماس قىلالايدىغان بولدى؛ گۇاڭشى 2016-يىلىدىن باشلاپ، 4 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئالاقىدار مەبلەغ چۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئالدىن ئىشلەتتى. ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنى «كىرەلەيدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان، راھەت ئولتۇرىدىغان» قىلدى.

  −− بۇ بەش يىلدا، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى.

  يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، مۇكەممەللىشىپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالدى؛ يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى بېكىتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 600 مىليوندىن ئارتۇق كىشى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ بېكىتىلىپ، 438 مىڭ كەنت يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تاماملاندى ... ئىسلاھات ئارقىلىق، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلمىسى» دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. چېن شىجۈن مۇنداق دېدى: يېزىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، كەنتنىڭ داڭقى چىقىپ، بايلىق توپلىنىپ، تۇرمۇش كۈنسېرى ياخشىلاندى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق، نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 100 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، يېزا نوپۇسىدىكى ئاھالىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى 2013-يىلىدىكى %35.93تىن 2019-يىلى %44.38كە ئۆسكەن. 2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە 1-كەسىپنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (يېزا نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 1 تىرىليون 225 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشقان.

  سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاپ، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلار ئۆزئارا تولۇقلاپ، شەھەر-يېزىلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ