مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور مائارىپ سىستېمىسىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش

ــــــــ «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى

2020.11.27 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  100 يىللىق زور پىلاندا مائارىپ ئاساس قىلىنىدۇ؛ مائارىپ زور پىلانىدا، ئوقۇتقۇچى ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى بولسا، مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى بايلىق بولۇپ، ئۇ، ھەم مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، ھەمدە مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى، ھەم شۇنداقلا دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى تەرىپلەپ، ئوقۇتقۇچى بولسا، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرىدۇر، ئۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدۇر، ئۇ، بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقىل مەدىتى بىلەن توختىماستىن تەمىنلەپ تۇردى.

  تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش −−

  ئوقۇتۇشنى ياخشى قىلىش ۋە ئادەمنى ياخشى تەربىيەلەش جەھەتتە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى

  2020-يىلى ئالتۇن كۈزدە، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە مەملىكەت بويىچە تىكلەنگەن 12 نەپەر نەمۇنىچىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتى، نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى:

  يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ گۇيمېي تاغلىق رايوندىكى بالىلارغا نۇر ۋە ئىسسىقلىق ئاتا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: "نەپسىملا بولىدىكەن، چوقۇم مۇنبەردە تۇرىمەن." سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجوۋ شەھىرىدىكى ئالاھىدە تەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شياۋ مىن ئالاھىدە مائارىپ سېپىدە 24 يىل چىڭ تۇرۇپ، مەدەت بېرىش، ھۇزۇرلىنىش، كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەربىر بالىغا ياردەم بەردى ۋە يار-يۆلەك بولدى؛ گۇيجوۋ ئۆلكىسى خېجاڭ ناھىيەسى چېڭگۈەن بازارلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې مېي ئانىلىق مېھرى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش كۆۋرۈكى سلدى ۋە يەر تەۋرىگەندە ئالدى بىلەن سىنىپقا ئېتىلىپ كىرىپ خىزمەتدىشى بىلەن بىرگە 17 سېكۇنتنىڭ ئىچىدە 32 بالىنىڭ بىخەتەر ئايرىلىشىغا ياردەم بەردى ...

  بىر ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش نەمۇنىچىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زامانىمىزدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى ياراتتى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى، شۇنداقلا مىليونلىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  ئۇستاز دېمەك، كىشىلەرنىڭ نەمۇنىچىسى دېمەكدۇر. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىكى ئاچقۇچ يەنىلا ئوقۇتقۇچىدا.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى ۋە جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ھەرقايسى جايلار يەنە پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوتتۇرىچە ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان پۇلنى كۆپەيتىش، مائارىپ پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پېداگوگىكا سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئالتە پېداگوگىكا داشۆسى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسىدىن 37 مىڭدىن ئارتۇقىنى قوبۇل قىلدى. ھازىر، 28 ئۆلكە ھەر خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئالدى بىلەن ھەقسىز ئوقۇش، ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئاندىن ھەقنى قايتۇرۇشتەك كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەرلىكتىكى پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى. مەركەز مالىيەسى پېداگوگىكا مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئالىي مەكتەپ پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوتتۇرىچە ئاجرىتىپ بېرىدىغان پۇل ئۆلچىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3000 يۈەن ۋە 5000 يۈەنگىچە ئۆستۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي مائارىپنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتلامغا ۋە تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يادرولۇق ساپاسى ۋە ئاچقۇچلۇق ئىقتىدارىنى قاراتمىلىق ھالدا ئۆستۈردى.

  «مەن دۆلەت تەربىيەلەش پىلانىغا ئۈچ قېتىم قاتناشتىم، ھەربىر قېتىملىقى ماڭا نىسبەتەن بىر ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولدى.» ئادەتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىدىن يەنە پۈتۈن شەھەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بىر ئوقۇتۇش-تەتقىقات خادىمىگە ئايلانغان تيەنجىن شەھەرلىك مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى دەرس ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات مەركىزىدىكى جاڭ خۇڭلى بولسا، دۆلەت تەربىيەلەش پىلانىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى بىر كىشى بولدى. ئۇ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ياردەم بەردى. مەن بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنى خالايمەن.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپا ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس-بەستە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەندى.

  ياخشى باشقۇرۇش −−

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

  2020-يىلى 9-ئايدا، 36-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يېزىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ ئوقۇتۇشى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن، سوتسىيالىزمنىڭ ئاۋانگارت قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ، شاڭخەي ۋەيتەن، چىڭداۋ ۋۇسى مەيدانى قاتارلىق جايلار چاقناپ تۇرغان چىراغلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياندۇردى. ئوقۇغۇچىلار چىراغ تاختىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، «مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز!»، «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» ۋە «مۇئەللىم جاپا تارتتىڭىز!» دېگەن بۇ ئىللىق سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا بەخت تىلىدى.

  «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتاتى ئىلمىي رەۋىشتە تەڭشىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى باھالايدىغان بىرىنچى ئۆلچەم بولسا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىدۇر. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن يەرلىك ۋە مەكتەپلەرگىچە ھەر تەرەپلىمە ئىستېرېئولۇق تورلاشقان ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جايلار ھەقىقىي تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى باھالايدىغان بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، ئەخلاق تۇرغۇزۇپ ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ دائىملاشقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.» دېدى، جۇڭگو مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ بۇخې.

  بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر بېسىپ تارقىتىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى چوڭقۇر ئۇرغۇتۇلدى.

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتاتى ئىلمىي يوسۇندا قېزىلدى ۋە تەڭشەلدى. ئالاقىدار سىياسەت ۋە ھۆججەتلەر تەتقىق قىلىپ چىقىرىلىپ، جايلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تارماق، كەسىپ ۋە رايون ھالقىپ تەڭشەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىشتاتىنى كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ئالدىن قاندۇرۇلدى.

  تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلدى ۋە تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  مەملىكەتلىك ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى، چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى دوۋ گۈيمېي مۇنداق دېدى: «مەن ئادەم تەربىيەلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بازىنى داۋاملىق چىڭ ساقلاپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، غايىلىك، قابىلىيەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشىمەن!»

  مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو خەلق داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەسىدە، ماڭا ئوخشاش زور بىر تۈركۈم ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ۋە راۋاجلانماقتا. سىياسىيدا كۈچلۈك، ھېسسىياتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى يېڭى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەلەپچان ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى دۇرۇس بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلار ئاندىن ئۇستازىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ يولىغا ئىشىنىدۇ.»

  ئۈچ سۇڭلۇق بىر بور، شۇ ئۈچ چى مۇنبەر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ بىر قىزىل قەلب خۇددى بىر شام كەبى بىر ئۆمۈر يېنىپ، مىللىي روھنى بىر ئۆمۈر تاۋلاپ چىقىدۇ. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مېھىر-مۇھەببىتى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۆھپىسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تىرەك بولىدۇ.

  كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى −−

  بارغانسېرى كۆپلىگەن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان ۋە تۆۋەندە تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى تەربىيەلىيەلەيدىغان بولدى

  چۇڭچىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليۇ بىن خۇشال ھالدا: «يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، مەكتىپىمىز مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان يەنە تۆت ئوقۇتقۇچىنى كۈتۈۋالدى، ھەممىسى شەھەردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار!» دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپكە كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ رازى بولدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  شىجۇ ناھىيەسى يۈجۇڭ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىن مائارىپقا ياردەم بەرگىلى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلگەن خۇاڭ مىن مائارىپقا ياردەم بېرىشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن يېزىدا چوڭ بولغان، بىلىم بولغاندىلا تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بىلىم تارقىتىپ، ئۈمىدنى ئۇرغۇتىمەن!»

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، بولۇپمۇ يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، جايلار كۆپ تەرەپتىن تەڭ باشقۇرۇپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، بارغانسېرى كۆپ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان ۋە تۆۋەندە تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى تەربىيەلىيەلەيدىغان بولدى.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولۇشقا يۈزلەندى، 35 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلار %43.4 نى، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر %51.6 نى، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگىلەر %44.7 نى ئىگىلىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت تەربىيەلەش پىلانىنىڭ ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم تۈرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرىدىن 9 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلىدى. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا 20 مىليارد 774 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى 725 ناھىيەدىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتىكى 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.

  ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاق چاچلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانى، چەت، يىراق، نامرات ۋە چېگرا رايونلار ھەم مىللىي رايونلار ھەمدە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلىرى مەخسۇس پىلانى، شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق، نامرات رايونلارغا زور مىقداردىكى ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچى كۈچى يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يولغا قويۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 71 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەمئىي 950 مىڭ نەپەر ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىندى ۋە بۇلار ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىكى 1000دىن ئارتۇق ناھىيە، 30 مىڭدىن ئارتۇق يېزا مەكتىپىنى قاپلىدى.

  دۆلەت زور كۈچ سەرپ قىلىپ نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگەتتى، بۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچىلاردا ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى بار بولدى.

  «مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بالىلارنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ مېنى پەخىرلەندۈردى. بالىلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقىت ئۇزىرىغانچە، مەن ھەمىشە شۇنى ھىس قىلىمەنكى، قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىشلار ۋە ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ناخشىلار يەنە بار ئىكەن.» خەينەن ئۆلكىسى چيۇڭجۇڭ لىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇڭماۋ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ ياڭيىڭ 90-يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بالىلارغا ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولماقچى، كەلگۈسىدە، مەن داۋاملىق تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمەن!»

  ئۈمىد ئېتىزىدا، كەڭ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى مېھىر-شەپقىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق، تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بالىلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى يورۇتۇپ، ھازىرقى زامان خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ