مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇاڭ كۈنمىڭ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دېدى

2020.11.17 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ بېيجىڭدا 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى يەرمەنكىسىنى سىنلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كەسىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ سىن ئارقىلىق ئالاقىدار تارماقلار، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت كەسپى مەۋھۇم كۆرگەزمە زاللىرى ۋە بىر قىسىم مەركەز مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇلۇتتىكى مەدەنىيەت يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە لايىقلىشىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كارخانىلىرى، مەدەنىيەت كەسپى ھالىتى، مەدەنىيەت ئىستېمال ئەندىزىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈپەت ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ