مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر قانچە تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)» دىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم

2020.11.04 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-نويابىر خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، نۇرغۇن تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) دىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل − دۇنيا ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدۇر. كېيىنكى قەدەمدە «يىرىك پىلان»دا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىن گوبىن مۇنداق دېدى: 2012-يىلى 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن «ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2012-2020)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «2012-يىللىق يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان 60 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ 500 دىن ئارتۇق يۈرۈشلەشكەن سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى، ساھە، كارخانىلارمۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى بەس-بەستە زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى: بىرىنچى، بازار كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش-سېتىلىش مىقدارى ئۇدا بەش يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ ئىككىنچى، كەسىپ تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كەسىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى، يۈرۈشلەشكەن مۇھىت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  «ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،‹2012-يىللىق پىلان›دا 14 تۈرلۈك ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 12 تۈردە نىشان ۋەزىپە تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ماي سەرپىياتى ۋە ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تۈردە ئەينى ۋاقىتتىكى پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەردىن يەنە بەزى پەرقلەر بار». شىن گوبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى «يىرىك پىلان» جەمئىي سەككىز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، كونكرېت مەزمۇننى بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە، بەش مەخسۇس سەھىپىلىك ۋەزىپە، بەش تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ بەش» كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىچە كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ