مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كوتېدىۋويرې زۇڭتۇڭى ۋاتارا بىلەن جۇڭگو - كوتېدىۋويرې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.03.04 10:17 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كوتېدىۋويرې زۇڭتۇڭى ۋاتارا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كوتېدىۋويرې ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدىكى مۇھىم دوست ۋە ھەمراھقا ئايلاندى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مەن زۇڭتۇڭ ۋاتارا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن جۇڭگو - كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋاتارا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا قوللاشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ۋاتارا مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندى، جۇڭگو تەرەپنىڭ كوتېدىۋويرېنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشىنى باشتىن - ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كوتېدىۋويرې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، قويۇق ئالاقىلىشىدىغان، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ