مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2023.03.02 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش، قايتا - قايتا پىكىرلىشىش، كېڭىشىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبىرىي خادىملىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبىرىي خادىملىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ ئىككى تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىگە ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىگە كۆرسىتىش قارار قىلىندى. كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى (لايىھە)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى. ئومۇمىي يىغىن «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى 2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى 2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلايلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى 2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن 203 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 170 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش، قايتا - قايتا پىكىرلىشىش، كېڭىشىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبىرىي خادىملىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبىرىي خادىملىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ ئىككى تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىگە ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىگە كۆرسىتىش قارار قىلىندى. كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى (لايىھە)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى. ئومۇمىي يىغىن «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، يولداش جياڭ زېمىنغا داغدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن قايتا ئۆرلىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلىدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى ياخشى ئېچىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلا، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېما خاراكتېرلىك، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپپاراتلىرى، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، ئايلىنىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋاسىتىنى بېيىتىپ، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، گازارمىلارغا كىرگۈزۈش، تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا كىرگۈزۈش، تور بېكەتلىرىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللارنى پىششىق ئىگىلىشى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسى، كونكرېت تەدبىرلىرىنى ياخشى تۈزۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، جەزمەن بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى يەنىلا نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىم يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن تۈرلۈك ئامىللار ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى پۇختىلاپ، داۋالاش - سەھىيە، بولۇپمۇ شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن كېيىنكى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلايلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ