شى جىنپىڭ: جۇڭگودا ھەرقانداق چاغدا ياسىمىچىلىق كەسپى كەم بولسا بولمايدۇ

2023.03.06 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  5-چېسلا چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىل دەن زېڭخەينىڭ «قەتىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشايلى» دېگەن تېمىدىكى سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قانداق چاغدا جۇڭگودا ياسىمىچىلىق كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ خىلى، تۈرلىرى تولۇق، كېيىنكى قەدەمدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىقنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ