مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.03.04 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋۇ ۋېنشاڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەت. بۇلتۇردىن بۇيان، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقتۇق. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ