مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.03.03 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9 - ئايدا، بىز سەمەرقەنتتە جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتى ئورنىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. بۇ يىل جۇڭگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - بېلارۇسىيە دوستلۇقى مۇستەھكەم بولۇپ، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي ھەقىقىي دوستلاردىن ۋە ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللاپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسىنى ياخشى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. داۋالاش، سەھىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ ئورتاق قوغدىغۇچىلىرى. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  لۇكاشېنكو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشتى، دۇنيادا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، مەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدۇ. بېلارۇسىيە خەلقىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى بىلەن باغلانغان بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پەن - تېخنىكا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە بېلارۇسىيە - جۇڭگو سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېلارۇسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىپ، يەرلىكلەر ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇھىم، زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. جۇڭگودا پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، بۇنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى ھۆججىتىنى ئېلان قىلدۇق. جۇڭگو مەيدانىنىڭ يادروسى ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق بولغان خەۋپسىزلىككە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋاسىتىلەشتۈرۈشنى توختىتىپ، ئۇرۇشنى توختىتىش، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قىلىشى كېرەك. لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە قوللايدۇ، بۇ، كىرىزىسنى تۈگىتىشكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگو - بېلارۇسىيە پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد - سودا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، تاموژنا، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، ساياھەت، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لۇكاشېنكو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  لۇكاشېنكو يېتىپ كەلگەندە، تيەنئەنمىن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لۇكاشېنكو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا لۇكاشېنكو ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ