مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك​

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.03.03 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتى دەل پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى بۇ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئېگىلمەس ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىدا جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك سىياسىي يۈكسەكلىك، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيە بۇرچىنى بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. جەزمەن توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. جەزمەن پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى بىلەن پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پارتىيەنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قانداق كادىرلارغا ئېھتىياجلىق بولسا، پارتىيە مەكتىپى شۇنداق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش؛ پارتىيە قانداق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، پارتىيە مەكتىپى تىرىشىپ شۇ جەھەتلەردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە قىممەت مەنبەسى. پارتىيە مەكتىپى كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئاساسىي بازا، جەزمەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تايانچ قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا پائال نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە تەلىم بېرىش، ئىلىم ئۆگىتىش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ماركسىزم ھەقىقىتى داۋلىلىرىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشقا دائىر ئىشلارنى ياخشى ئۆگىتىپ، سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە يولۇققان گۇمانىي مەسىلىلەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تەربىيەلىنىش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يادروسى، نەزەرىيە جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش سىياسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنى قانچە پۇختا ئىگىلىسە، سىياسىي يۈكسەكلىك شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچىيىدۇ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، تەرەققىياتنى پىلانلاش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە شۇنچە تەشەببۇسكار بولغىلى بولىدۇ. پارتىيە مەكتەپلىرى ماركسىزم نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەكتىپى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلايدىغان «چوڭ پېچ». ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، غايە - ئېتىقاد، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، «تۆت تارىخ»، ئىنقىلابىي ئەنئەنە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيەۋى ئاڭنى، مەنىۋى مەنزىلنى، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاشقا يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشتا، رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كەسىپلەشكەن ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تېخىمۇ ياخشى چىقىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سېپىدىكى مۇھىم يۆنىلىش ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. نەزەرىيە تەتقىقاتى، تەدبىر تەتقىقاتىدىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان چوڭ ئىلىمنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. بۇمۇ پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆزگىچە قىممەت بايلىقى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى سەپ بازىسى، ئۇ جەزمەن پارتىيەگە سادىق، ماركسىزمغا سادىق كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، تۈرلۈك سەپسەتىلەرگە قاراتمىلىق ھالدا رەددىيە بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى پائال تەشۋىق قىلغۇچى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قەتئىي قوغدىغۇچى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق جەمئىيەت پىكىر ئېقىمىنى يېتەكلەشتىكى ئىشەنچلىك باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاشتا جەزمەن مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش، سۈپەت ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق سىياسىي ئۆلچەم، ئىلىم ئۆلچىمى، ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈگىتىدىغان «تازىلىغۇچ»، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان «چوڭ پېچ»، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «يۆنىلىش بەلگىسى»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەكتىپىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، ساداقەتمەنلىك بىلەن تەتقىق قىلىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئادەم تەربىيەلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى چىڭ تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، كۇرسانتلارغا پارتىيە مەكتىپىگە كىرىشىگىلا ئۆگىنىش ئىستىلى، ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلى، پاك بولۇش ئىستىلىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. سۈپەت ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشتىكى ھاياتلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى ياخشى تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەكتەپنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە مەكتىپىنى باشقۇرۇشتىكى تۈپ تەجرىبىسى، شۇنداقلا پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ كاپالەت. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەكتىپىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللىشى كېرەك.

  چېن شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ 90 يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە شانلىق نەتىجىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ ۋە يەكۈنلىنىپ، «پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاش چۆرىدىلىپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  لى گەنجيې، لى شۇلېي، ليۇ جىنگو قاتناشتى.

  مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە جۇڭگو پۇدۇڭ، جىڭگاڭشەن، يەنئەن كادىرلار شۆيۈەنلىرىدىكى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، مەكتەپتىكى كۇرسانتلار، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ سابىق مەكتەپ (شۆيۈەن) رەھبەرلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، جۇڭگو پۇدۇڭ، جىڭگاڭشەن، يەنئەن كادىرلار شۆيۈەنلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ