سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش چارىسى ۋە ئەزالار گۇرۇپپا يىغىنى چاقىرغۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ