مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىكى ھەم يىغىن قارالمىسى قاتارلىقلار ماقۇللاندى

2023.03.05 10:31 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىنغا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ۋە كۈنتەرتىپى، ھەمدە سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىن قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تۆۋەندە ئولتۇرغان 2100دىن ئارتۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىغا تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، مەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ