مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئارىسىدا، باش شۇجى ئۆزىنى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ (باش شۇجىنىڭ خەلق ھېسسىياتى)

«مەن سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى».

2023.03.05 00:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىمالىي شەنشىدىن ئايرىلىپ 20 نەچچە يىلدىن كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئەينى يىللاردىكى زىيالىي ياشلىقىنى ئەسلىگەندە، يولداش شى جىنپىڭ بۇ سۆزنى تېما قىلىپ، 5000 خەتتىن ئارتۇق تەسىرلىك ماقالە يېزىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم شىمالىي شەنشىدىكى يەتتە يىلدىن باشلانغان. ئەڭ چوڭ ھاسىلات ئىككى بولدى: بىرىنچى، ماڭا نېمىنىڭ ئەمەلىيەت، نېمىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نېمىنىڭ ئامما ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ مېنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە. مەيلى مەن قەيەرگە باراي، مەڭگۈ سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى.»

  «ئىككىنچىدىن، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يېتىلدۈردۈم. كونىلاردا پىچاقنى تاشقا سۈركىگەندە ئىتتىك بولىدۇ، ئادەم قىيىنچىلىق ئىچىدە مەشىق قىلىدۇ، دېگەن گەپ بار. بىر ئادەمدە غەيرەت بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق ئىشقا يولۇققاندا جەڭ ئېلان قىلىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق ئىشتا بىدئەتكە ئىشەنمىسە، ھەممە ئىشتا قورقۇپ قالماي، قىيىنچىلىققا قارىماي ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.»

  پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ، ئۇزۇن دەريانىڭ مەنبەسى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشتە، كىشىلەر قەلبىدىن بىۋاسىتە ئورۇن ئالغان بۇ «ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش» خۇددى ئاچقۇچقا ئوخشايدۇ.

  بۇ، يىل بويى چەت-ياقا يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكىدىغان چوڭ دۆلەت داھىيسى. نەچچە قېتىم، باش شۇجى ئالدىنقى كۈنى بوران-چاپقۇنلۇق دىپلوماتىيە سورۇنىدا بولسا، ئىككىنچى كۈنى ئاددىي-ساددا بولۇپ، يول ئازابى تارتىپ يۇرتداشلار ئارىسىغا كەلدى.

  «سىزنى نېمە دەپ چاقىرىمىز؟»

  «مەن خەلقنىڭ چاكىرى.»

  2013-يىلى 11-ئايدا، خۇنەن شىبادۇڭ كەنتىدىكى شى باسەن موماينىڭ بۇ سوئالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاددىي جاۋاب بەردى.

  بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يۆلىنەلەيدىغان بولۇش... تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردىن «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدۇ». بۇ يىل چاغان ئالدىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى سىنلىق ئۇلاپ يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، «كۆك-تاق»، «ئاشلىق» ئەھۋالىنى سورىدى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم يېزىلار ۋە كەڭ دېھقان دوستلار» دېدى. چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدا، خەلق ھەممىدىن مۇھىم.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ «ئىمتىھانى»غا جاۋاب بېرىشكە باشلىدى.

  ئون يىلدىن كېيىن، 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» __ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن خەلققە بولغان ھېسسىيات، شۇنداقلا تارىخنىڭ ئىنكاسى ئىدى.

  بۇ يولدا مېڭىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى چىڭ تۇرۇشى، شۇنداقلا يەتتە يىلدا سېرىق تۇپراقتا تارتقان يىلتىز. ئاياغ ئىزىغا قارىغاندا، ئۇ شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدىكى «جاپا-مۇشەققەتكە چىدىيالايدىغان ياخشى ئەۋلاد»؛ جېڭدىڭلىقلار ئۇنى «بىزنىڭ پېشقەدەم شۇجى» دەپ ئاتايتتى؛ فۇجيەندە يەرلىك كىشىلەر دائىم ئۇنى «ئاۋامنىڭ ئۆلكە باشلىقى» دەپ چاقىراتتى؛ جېجياڭدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «پارتىيە ئەۋەتكەن ياخشى كادىر» دەپ ئاتايتتى.

  مەركەزگە بارغاندىن كېيىن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى ئاۋامنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دەپ ۋەدىنامە بەردى. پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، 100 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئەمما قانچە جاپالىق بولسا شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  ھەممىسى خەلق ئۈچۈن.

  «ئادەمنىڭ غەيرىتى بولۇشى كېرەك. بۇ يىللاردا چوڭ ئىشلار، قىيىن ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۈستەلگە قويۇلدى. تەس بولسا نېمە بوپتۇ؟ تەتۈر ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ «مىخ قېقىش» ماھارىتى ئىشلىتىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرى سۈردى. قارىماققا «ئورۇندىغىلى بولمايدىغان» تۇماننى ئېلىپ ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ: «بىز چوقۇم تاللىشىمىز كېرەك، زادى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورىدى. بۈگۈنكى «كۆك ئاسمان كۆرسەتكۈچى» دەل خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەيدىغان «قىيىنچىلىق ئالدىدىكى ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدى.

  يەنە پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا قارايدىغان بولساق، «ئەينى ۋاقىتتا، پارتىيە ئىچى ۋە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىدىن تەشۋىشلەنگەنىدى.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى.

  ئون يىلدىن كېيىن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى ئەسلەپ، ھاياجانلانغان ھالدا: «بوران-چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇننىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلدۇق، گەرچە قىيىنچىلىق قاتمۇقات بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەيمەن!» دېدى.

  نەچچە مىڭ ئادەمنى رەنجىتىشكە بولىدۇكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ. مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قەتئىيلىك، بۇرۇنلا سېرىق توپىلىق تۇپراقتا «پىچاقنى تاشقا بىلەش، ئادەمنى قىيىنچىلىق ئىچىدە تاۋلاش»نى ئويلاشقاندىلا «بىخلانغان» ئىدى.

  باش شۇجى كۆپ قېتىم «قوغۇن تېرىپ قوغۇنغا ئېرىشىش، پۇرچاق تېرىپ پۇرچاققا ئېرىشىش» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈرلۈك جانلىق ئەمەلىيىتىنى سۈپەتلىدى. بۇ سۆز ئارقىلىق بۈگۈنكى ئويلىغانلىرىنى ھېس قىلغاندا، «مەن سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى» دېگەن سۆزلەر ھەم ئىدىيە يىلتىزى، ھەم ھەرىكەت مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى.

  شۇڭا، خەلق ئارىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەركىن ھەم سەمىمىي. «سىز ئاچا يوللۇق ئىكەنسىز»، «مەندىن نەچچە ياش چوڭ ئىكەنسىز، سىز ئاكا بولۇڭ»... باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاندا، خۇددى كونا قوشنىلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، «مەنمۇ يېزىدىن چىققان» دەيتتى. ئېتىزلىققا بارغاندا، بىر قارىسىلا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىش ماھىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. بېيجىڭدا كۆچەت تىككەندە، باش شۇجى گۈرجەكنى كۆتۈرۈپ، باھار شامىلىغا قارشى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن تۇپراقتا ماڭدى.

  شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، بىر قېتىم مەھەللىگە كىرگەندە، بىر ئاھالە ئۆزى توقۇغان كالىنىڭ مۇدىلىنى شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلماقچى بولدى. شى جىنپىڭ: «ھە! بىلدىم، سىز مېنى خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان سەبىي بالا بولۇڭ دېمەكچى!» دېدى.

  «مەن سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى»، سېرىق توپىلىقنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ، ئوزۇق-تۈلۈكى مول بولۇپ، چاكار بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش، شۇنداقلا «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خەلققە يۈز كېلىش» پۈتۈلگەن ئىدى.

  ئۇ قېتىمقى تاشقى ئىشلار ئۇچرىشىشىدا، باش شۇجىنىڭ جاۋابى كۆپچىلىكنى تەسىرلەندۈردى. بەك ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، جاۋابى سېرىق توپىلىقتىكى ئاشۇ چاغدىن باشلاپلا يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن ئىدى؛ ئۆزىنى ئۇنتۇش، خەلقنى نائۈمىد قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىدى؛ ئۆزىنى ئۇنتۇش كۆڭلىدە كۆپچىلىكنى ئويلىغانلىقتىن ئىدى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەنگە بېرىپ، «مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ كىتاب»نى ئەسلەپ ئۆتتى. «جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى يەنئەنگە مەنسۇپ»، شۇڭا پۇقرالار بىلەن بىر تەرەپتە ئولتۇردى.

  100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا، ئۇلۇغ گۈللىنىش مەزگىلىدە، باشتىن-ئاخىر «خەلق» دېگەن سۆزنى تولۇق كۆڭلىگە پۈتۈپ كەلدى.

  «مەن سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى»دىن «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خەلققە يۈز كېلىش»كىچە، «پۇقرالار بىلەن بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش»تىن، «قەلبىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى بىلەن باشتىن-ئاخىر تۇتاش»قىچە، ۋاقىت تېز ئۆتۈپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەمما ئۆزگەرمەيدىغىنى ئەسلىي مەقسەت، ئۇيۇل تاشتەك ئېتىقاد ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ