شى جىنپىڭ نىگېرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىنۇبۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2023.03.06 09:33 مەنبە: خەلق تورى
3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولا تىنۇبۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ نىگېرىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نىگېرىيە جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى. مەن جۇڭگو - نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان تىنۇبۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - نىگېرىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ