مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2023.02.06 22:33 مەنبە: خەلق تورى

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى

  خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش. كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ۋەزىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن تەستە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يۇقۇم قاتارلىق مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللار ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، بىز كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، ئالدىنقى بېكىتىلگەن سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق، كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇردۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى گەۋدىلىك بولۇشقا قارىتا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتتۇق، ئىمپورت خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى بېسىمىغا قارىتا ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدۇق. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇردۇق، پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يىل ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 كە تۆۋەنلىدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئاران %2 بولدى، مال ئىمپورت-ئېكسپورتى %7.7 ئاشتى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل ئالاھىدە بولدى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزە تېز راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، رايونلار ئارا تەڭشەش-تىزگىنلەش، نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلىدۇق. ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مالىيە قىزىل رەقىمى كۆلىمىنى ئىگىلەپ، كارخانا، سودىگەر قاتارلىق ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، كۆلەم خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش، باج قايتۇرۇش، ھەق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇپ، پۇل ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك قوراللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قوللىشىنى زورايتىپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ