9-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىۋاڭ چىشەن سىن شەكلىدە 2022-يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى.ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا تىنچلىق كۈنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىككە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنىمۇجەسسەملىگەن. نۆۋەتتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىۋە ئامانلىقى، بەخت-سائادىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ مۇھىم تەشەببۇس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئومۇمىيەت ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ،تىنچلىق قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىش،خەۋپسىزلىك دۇچ كەلگەنقىيىن ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنياخەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. بىز ئۆزئارا ھۆرمەتقىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقىۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئورتاق بىخەتەرلىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.بىز سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا كىرىزىسنى تىنچ ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىشىمىز كېرەك. بىز جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخ بىزگە شۇنىبىلدۈردىكى، تىنچلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەتۋە خەلقبىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، نېپال زۇڭتۇڭى باندارى قاتارلىقلار سىنلىق يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، تىنچ، بىخەتەرۋە گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇشقا مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ما بياۋ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ