مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2022.04.15 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش — ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ يىلقى مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا، دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا تېخىمۇ مۇھىم.

  نۆۋەتتە ئېلىمىز كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، شۇڭا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، چوڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، لايىھەنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تولۇق، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش-تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەرلەردىكى كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا خادىملارنى يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىشقا ۋاقتىدا تەشكىللەش كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ۋادا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۇڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى مەملىكەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاشقىن مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، چوڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. تۈرلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەريا كەلكۈنى، شەھەر ھۆلچىلىكى ۋە تاغ كەلكۈنى، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق زور خەۋپ-خەتەرگە چىڭ تىكىلىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا، كەسكىن يۆتكەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تالاپەت ۋە ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ