مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك دىراما يۇرتىدىكى سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش كېرەك

2021.12.28 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  جۇڭگو دۆلەتلىك دىراما يۇرتىدىكى سەنئەتكارلار:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. جۇڭگو دۆلەتلىك دىراما يۇرتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! دىراما يۇرتىدىكى بارلىق ئارتىس، خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  80 يىلدىن بۇيان، سىلەر پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېنى، سىياسەتلىرىنى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنئەننىڭ دىراما يۇرتى قۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، يەنئەن قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردۇڭلار. سەنئەتكارلار سەھنىدە ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، پوزىتسىيەسى يارقىن، ئەخلاق - پەزىلەت چاقناپ تۇرىدىغان، ئىللىقلىققا تولغان نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ كامالەتكە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو دۆلەتلىك دىراما يۇرتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلەتلىك دىراما يۇرتىدىكى سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، دۆلەتلىك دىراما يۇرتىدىكى بارلىق ئارتىس، خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېنى، سىياسەتلىرىنى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنئەننىڭ دىراما يۇرتى قۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، يەنئەن قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردۇڭلار. سەنئەتكارلار سەھنىدە ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، پوزىتسىيەسى يارقىن، ئەخلاق - پەزىلەت چاقناپ تۇرىدىغان، ئىللىقلىققا تولغان نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ كامالەتكە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپچىلىكنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دۆلەتلىك دىراما يۇرتى ئەسلىدە 1941 - يىلى قۇرۇلغان يەنئەن ياشلار سەنئەت يۇرتى بولۇپ، كېيىن نامى نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلەتلىك دىراما يۇرتى بولۇپ رەسمىي تەشكىللەپ قۇرۇلغان. يېقىندا، دۆلەتلىك دىراما يۇرتىدىكى 16 سەنئەتكار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ھەمدە دىراما يۇرتى قۇرۇلغان 80 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ