مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

​شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

​لى كېچياڭ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

2021.12.28 11:00 مەنبە: خەلق تورى

  ■ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ■ دەسلەپكى مەھسۇلات تەمىناتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بىر مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا كۆپچىلىك ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە كۆلەمگە كاپالەتلىك قىلىش، ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تەلىپى ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن ھەقىقىي بار بولۇشى كېرەك، ئېتىز چوقۇم ئېتىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەزمەن مۇنبەت ئېتىز بولۇشى كېرەك. قۇرۇلمىنى ھەقىقىي تەڭشەپ، دادۇر ۋە ياغلىق زىرائەت تېرىشنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشقا بولىدىغان نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرۈش كېرەك. «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوشقا گۆشى، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ■ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەقىقىي قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك

  مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، 2022 - يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەسلەپكى مەھسۇلات تەمىناتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بىر مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا كۆپچىلىك ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە كۆلەمگە كاپالەتلىك قىلىش، ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تەلىپى ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن ھەقىقىي بار بولۇشى كېرەك، ئېتىز چوقۇم ئېتىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەزمەن مۇنبەت ئېتىز بولۇشى كېرەك. قۇرۇلمىنى ھەقىقىي تەڭشەپ، دادۇر ۋە ياغلىق زىرائەت تېرىشنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشقا بولىدىغان نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرۈش كېرەك. «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوشقا گۆشى، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەقىقىي قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دادۇر ۋە ياغلىق زىرائەت ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە ۋە باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە لى كېچياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2022 - يىللىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى ساقلاپ، ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. كېلەر يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ - ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى ساقلاشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2022 - يىلى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يىللىق ۋەزىپىنى، قاراتمىلىق تەدبىرنى، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دادۇر ۋە ياغلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، 2022 - يىلى ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆكتات بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا دائىر قاتتىق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، 100 مىليون مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇرۇقلۇق مەنبەسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان ۋە يۆلەيدىغان ناھىيەلەرگە مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، مەۋقەنى ھازىرقى كەنت ئاساسىغا قويۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ناھىيە تەۋەسىدە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەدرىجىي ھالدا يېزىلارنى ئاساسىي زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك سۇپا ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىلاردىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يېزا جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، سىستېمىلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، كونكرېت ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىدىكى ئاساسىي تەجرىبىلىرىگە باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ