مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى؛ «14-بەش يىل»لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ تېزرەك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2021.11.04 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى؛ «14-بەش يىل»لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ تېزرەك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، گوۋۇيۈەن يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە قىستۇرۇلۇپ ھەم سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ھەم يەرلىككە ياردەم بېرىش-يۆلەش، كارخانىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك. بەزى جايلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشى جايىدا بولماسلىق، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، تەننەرخىنىڭ ئېشىشى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يېڭى چېكىنىش بېسىمى ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭى قىيىنچىلىقى ئالدىدا، ئالدىن تەڭشەش، مىكرولۇق تەڭشەشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىدىكى توسالغۇلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان بەزى جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش ۋە داۋالىنىش، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرمەسلىك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «كۆكتات سەۋىتى»گە شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى چىقىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. «يۈز-ئابروي» قۇرۇلۇشىنى توسۇپ، «ئىچكى ماھىيەت» قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قىممەتلىك مالىيە مەبلىغىنى بازار سۇبيېكتىنى قوللاش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، «چاكىنىلىق قىلىش»، «ھۇرۇنلۇق قىلىش» قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. جايلار يولغا قويغان ئۈنۈمى زور بولغان، كارخانىلار ۋە ئامما قارشى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى كېڭەيتىش، جايلار ئىنكاس قىلغان، ياردەم بېرىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئالاقىدار تارماقلار تەتقىق قىلىپ چارە تېپىپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا قويۇپ، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، زاپاس ساقلاش ۋە بازارنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۇل تەتقىقاتىنى قوللاش لازىم. دىققەتنى ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپلەشكەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى دېھقانلارغا قالدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، مائارىپ قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، سودا-سانائەت غوجايىنلىرى قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا سېلىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ