مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.11.04 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭدۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەسئۇلىيەت ۋە تەقەززالىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تولۇق ياخشى ئىشلەش، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلەشكە، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئومۇمىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ ھەم ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىقتوك، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گېنېراتورلارنى پىلاندىن سىرت توختىتىپ نورمال يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت كۆمۈر باھاسىنى تەڭشەشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، كۆمۈر بىلەن توك ھەمتۈرتكە بولىدىغان بازارلاشقان باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. كۆمۈرگە ماس كەلسە كۆمۈر، توكقا ماس كەلسە توك، گازغا ماس كەلسە گاز ئىشلىتىپ، مەركەزلەشتۈرۈشكە ماس كەلسە مەركەزلەشتۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇشقا ماس كەلسە تارقاقلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» نى پۇختا ۋە تەرتىپلىك يولغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كۆمۈر، توك ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مالىيە ۋە باج قاتارلىقلاردا سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ باسقۇچلۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنى بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىمپورت-ئېكسپورتى ۋە زاپىسىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، بازار مۆلچەرىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچكى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گاز، تىرانسپورت كاپالەت مېخانىزمىدىكى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ماسلىشىشنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن، خەن جېڭ دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئېلېكتىر تورىنى تەڭشەپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش زالىغا كېلىپ، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  ۋاڭ يۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ