مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشى 26-قېتىملىق يىغىنىنىڭ دۇنيا رەھبەرلەر يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى

2021.11.02 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشى 26-قېتىملىق يىغىنىنىڭ دۇنيا رەھبەرلەر يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ پايدىسىز تەسىرى كۈنسايىن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، دۇنياۋى ھەرىكەتنىڭ تەخىرسىزلىكى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش __ بىز دۇچ كەلگەن دەۋر تېمىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، كۆپ تەرەپچىللىك ئورتاق تونۇشنى قوغدىساق. كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆپ تەرەپچىللىك ياخشى تەدبىر. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» __ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق قانۇن مىزانى. ھەر قايسى تەرەپلەر ھازىرقى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چىڭىتىپ، گىلازگو يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، دىققەتنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرسەك. ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، ئاندىن ئارزۇ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان نىشان ۋە ئارزۇنى بېكىتىشى ھەم دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوللىشى لازىم.

  ئۈچىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتسەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قوغداشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەرپىياتلىق، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان تۈرلەرنىڭ قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرىنى پىلانلاپ قۇرۇدى. يېقىندا، جۇڭگو «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى پىكىر» ۋە «2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، يەنە ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە كۆمۈر، ئېلېكتىر، پولات-تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر ھەققىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، پەن-تېخنىكا، كاربون، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنىڭ «بىر + N» سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگودا «ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كېرەك» دېگەن ھېكمەت بار. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىسىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دۇنيا رەھبەرلەر يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى گىلازگودىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە ئېچىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ